مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جوۋ چى پىشىپ يېتىلمەكتە

2020.07.09 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  CBA مۇسابىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، «ساپ جۇڭگولۇقلار گۇرۇپپىسى» سېپى بىلەن جەڭگە قاتناشقان شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يەتتە قېتىم يېڭىپ، ئىككى قېتىم يېڭىلىپ، نومۇر تىزىملىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا مۇستەھكەم تۇردى. مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان «چوڭ دېۋە» جوۋ چىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، جوۋ چى مەيداندا ئوتتۇرىچە 25.2 نومۇر ۋە 15.4 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، سانلىق مەلۇماتلار مۇسابىقە پەسلىدىكى مەيدان ئوتتۇرىچە سانىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولدى. بولۇپمۇ 7-ئىيۇل «گىگانت قاتىل» جىلىن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا يۈزلەنگەندە، جوۋ چى كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 37 نومۇر ئالدى ھەمدە گاردىن قايتقان 18 توپنى تارتىۋېلىپ، كوماندىسىنىڭ بىر نومۇر بىلەن غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  سانلىق مەلۇماتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە سېلىشتۇرغاندا، جوۋ چىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدە نامايان قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىق كۈچى تېخىمۇ قىممەتلىك. مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، جوۋ چىنىڭ دۈمبىسىنى تۆۋەن قىلىپ يەككە ئويناش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ توسۇش، چۇۋۇش سۈپىتى ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى قىرغىنچىلىق كۈچى ئىلگىرىكىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ خىل ئۆزگىرىش بىلەن ئۇ ھەر مەيدان مۇسابىقىدە كۆپ قېتىم جازا توپ سىزىقىدا تۇرۇپ، جازا توپ بىلەنلا 5.3 نومۇرغا ئېرىشەلىدى.

  مەيداندىكى ئۆزگىرىشلەر مەيدان سىرتىدىكى جاپالىق مەشىقتىن كەلگەن. مۇسابىقە توختىتىلغان بەش ئايدا، جوۋ چى شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە يېپىق ھالەتتە مەشىق قىلىپ، ئۆزىگە قارىتا بىر قېتىم «سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى». مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تاشقى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتى «ئۇنىڭ قاۋۇللىشىپ قالغانلىقى» بولدى. بىر قېتىملىق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، ۋاسكېتبول ۋاسىتىچىسى سۈي رەن جوۋ چىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 110 كىلوگرامغا يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنى تونۇيدىغان توپ مەستانىلىرى 100 كىلوگرامنىڭ ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش قىيىن بولغان چوڭ ئۆتكەل ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

  جوۋ چىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېخىمۇ مۇھىمى شەخسىي پىسخىكىسىنى تەڭشەش بولۇشى مۇمكىن. بۇلتۇر يازدىكى ئەرلەر ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ساھىبخان دۆلەت جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ناچار بولۇپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. جوۋ چى پولشا بىلەن بولغان ھالقىلىق جەڭدە سەپداشلىرى بىلەن ياخشى ماسلىشالمىغاچقا، يان سىزىقتىن توپ باشلاشتا خاتالىق كۆرۈلۈپ، رەقىبى تەرىپىدىن قايتۇرما زەربە بېرىلىپ، تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

  جوۋ چى ياش تۇرۇپ نام چىقارغان بولۇپ، كىشىلەر ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى. لېكىن بۇ قېتىمقى ئاممىۋى پىكىرنىڭ بېسىمىدا ئۇ بىر مەھەل «نەپەس ئالالماي»، «ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى، ھەممە ئىش توغرا ئەمەستەك بىلىندى». مۇسابىقە توختىتىلغان مەزگىلىدە جوۋ چى ئۆتكەن بىر نەچچە يىللىق كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. تاشقى دۇنيانىڭ تەنقىد ۋە ئەيىبلىشىگە قايتىدىن قاراپ چىقتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈستىدە ئويلاندى.

  مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، جوۋ چى بىر قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا سەمىمىيلىك بىلەن توپ مەستانىلىرىگە: «ئۇ قېتىمقى توپ باشلاش مېنىڭ خاتالىقىم»، دېدى. ئۇ مۇخبىرغا: «ئۇنداق مۇسابىقىدە خاتالىق ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان توپچى يوق، مەن ئۆزۈمنى ئەيىبلەيمەن. لېكىن ئۆزىنى ئەيىبلەش ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، مېنىڭ قىلىدىغىنىم ساۋاقنى ئەستە تۇتۇش، كەلگۈسىدە كوماندىغا تېخىمۇ زور ياردەم بېرىش»، دېدى.

  چەت ئەللىك ماھىر سىتوكس مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى، جوۋچى گار ئاستىدا تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قىلىش، گار قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، مۇسابىقە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى توققۇز مەيدان مۇسابىقىدە ئۇنىڭ مەيداندىكى ئوتتۇرىچە مىنۇس-پىلۇس قىممىتى 13.9 غا يەتتى. ئۇ كوماندىنىڭ «ساپ جۇڭگولۇقلار گۇرۇپپىسى» سېپى توغرىسىدا توختالغاندا: «يالغۇز مەنلا ئەمەس، كوماندىدىكى ھەر بىر ئادەم ئادەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى، كوللېكتىپنىڭ كۈچىگە تايىنىش بىزنىڭ غەلىبە قىلىش يولىمىز»، دېدى.

  ئۆتكەن يېرىم يىلدا، مەيلى مەيدان سىرتىدىكى ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسۇن ياكى مەيداندىكى مۇقىم جارى قىلدۇرۇش بولسۇن، جوۋچى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. 24 ياشلىق «چوڭ دېۋە» ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت تىرىشسىلا، كەلگۈسىدە يەنە چەكسىز ئىمكانىيەت بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ