مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پايتەختتىن كەلگەنلەر بىردەك ئايرىۋېتىلەمدۇ؟

«يەرلىك سىياسەت» بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈۋەرسە بولمايدۇ

2020.07.13 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «4-ئىيۇل سائەت نۆلدىن باشلاپ، شەھەر بويىچە خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ بېيجىڭدىن چىقىشىغا قارىتا، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىققانلىق ئىسپاتى بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ». بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، يۇقۇم سەۋەبلىك «ئۆيدە قاپسىلىپ قالغان» نۇرغۇن بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرى ئۇھ دېدى. بېيجىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر زۆرۈر بولغان خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇم سەۋەبلىك چەك قويۇلغان سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتى.

  بېيجىڭدا خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى خادىملارنىڭ بېيجىڭدىن چىقىش تەلىپى بوشاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بەزى جايلار ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىياسىتىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتمىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېيجىڭدا يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا نۇرغۇن جايلار بۇنىڭلىق بىلەن شۇ جاينىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۆزگەرتمىگەن. بەزى جايلاردا ھەتتا بېيجىڭدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى يەتتە كۈن ئىچىدىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتى بار بولسىمۇ، مەركەزلىك ئايرىۋېتىش ياكى ئۆيدە ئايرىۋېتىش، ساغلاملىقنى كۆزىتىش تەلەپ قىلىنغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىچە، جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، «يەرلىك سىياسەت»نى يولغا قويۇشى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە زور قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملاشقان ھازىرقى ئەھۋالدا، كىشىلەر يەنە بۇنداق ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ، لېكىن يەنە زىيادە ئۈمىدۋار بولۇپ، سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر يەنە بەزى جايلاردا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندە باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى قانداق قىلىپ توغرا يولغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن كۈندىلىك جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، كىشىلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك − بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇشى كېرەك.

  بەزى جايلارنىڭ يۇقۇم يۈز بەرگەن رايوندىن كەلگەنلەرگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە «ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشى دەل جايىدا باشقۇرۇش-تىزگىنلەش پىرىنسىپىغا ئېنىقلا خىلاپ. ھازىر بېيجىڭدىن يولغا چىققان يولۇچىلار نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق تارتىپ، بارىدىغان جايدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئەھۋال ئىگىلەپ، ئالاقىدار باشقۇرۇش، كونترول قىلىش سىياسەتلىرىنى ئىگىلەشكە مەجبۇر بولماقتا. بەزى چاغلاردا ئوخشاش بىر جايدا بولسىمۇ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان تارماقلارمۇ ئوخشاش بولمىغان جاۋابنى بېرىشى مۇمكىن، نۇرغۇن تېلېفون ئۇرغاندىمۇ ئېنىق سىياسەت چۈشەندۈرۈشىگە ئېرىشەلىشى ناتايىن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېيجىڭدا بېيجىڭدىن چىقىشنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش بوشاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بەزى بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرى يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن چوقۇم مەھەللىگە مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى، بېيجىڭدىكى تۇرۇشلۇق ئادرېسى، شۇ جاينىڭ ئادرېسى، كىملىك رەسىمى، بېيجىڭ ساغلاملىق كودى، پويىز بېلىتى، ھەرىكەت قىلغان رايونلار قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇشى كېرەك بولغان، ھەتتا ئۆي مۈلۈك كىنىشكىسىنىڭ سۈرىتىنىمۇ تەمىنلەش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئۇسۇللار سەۋەبلىك، سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى بار كىشىلەر قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالغان.

  بىر تەرەپتىن، بەزى جايلار يۇقۇم خەۋپ-خەتىرى بار رايونلاردىن كەلگەن كىشىلەرنى «بىر تاياقتا ھەيدىمەكتە»، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئاستا بولۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا ۋاقتىدا تەڭشەش ئېلىپ بارالمايۋاتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى جايلارنىڭ ئىنكاسى زىيادە بولۇپ كەتمەكتە، ئېنىقلا چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق پەن-تېخنىكىنىڭ قوللىشى بار بولسىمۇ، يەنىلا «يەرلىك چارە» بويىچە باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى يولغا قويماقتا.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش − يەرلىكنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان سىناقتۇر. ئەگەر ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەي، يەنىلا ئەنئەنىۋى ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىدىن پايدىلانغاندا، سودىگەر زاتلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆز جايىنىڭ تەرەققىياتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەڭ ناچار ئەھۋال بويىچە تەسەۋۋۇر قىلغاندا، ئەگەر بۇ جايلاردا يەرلىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلسە، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىققاندا پەرقسىز ھالدا «ھەممە جايدا چەكلىمىگە ئۇچرىشى»نى چوقۇم ئۈمىد قىلمايدۇ. بۇ خىل قالاق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەپەككۈرى يەنە كۈندىلىك تۈزەشكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كۆرۈنۈشتە قاتتىق بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەقەت قوپال ھالدا كۈچەيتىش بولۇپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋالدا ماسلىشىش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ.

  تەييارلىق بار يەردە ئاپەت يوق، يېقىندا يۇقۇمنىڭ قىسمەن دائىرىدە قايتا ئەۋج ئېلىشىغا قارىتا، بېيجىڭنىڭ قوللانغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى جايلارنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى قانداق قانات يايدۇرۇشىغا پايدىلىق تەجرىبە يارىتىپ بەردى. قانداقلا بولسۇن، ئاز مىقداردا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن ھامان، ئىقتىسادىي پائالىيەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ قويىدىغان ھالەتكە جەمئىيەت بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. جايلار ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى قانات يايدۇرغاندا، ئۇسۇلنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى كېرەك، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش سىياسىتىنى جانلىق تەڭشەپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ئاشكارىلىقى ۋە ۋاقىتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلىم-پەننى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ھەقىقىي ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ