مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش نىزامى»نى ئېلان قىلدى

2020.07.15 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم تىرىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيا، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭ كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن گوۋۇيۈەن «نىزام» تۈزدى.

  «نىزام»دا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنى كۈچەيتىش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ قائىدە چىقىرىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ھەقىقىي كۈچەيتىلدى. «نىزام»دا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، جەمئىيەت يۈكسەك دىققەت قىلىدىغان، ئىنكاسى كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا ھەم ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى تولۇق ئويلىشىلدى، ھەم بازار سۇبيېكتى ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلىش ۋە توختام ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، بازار سۇبيېكتى تەلەپچان بولۇش، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جەمئىيەت ماسلىشىپ ھەيدەكچىلىك قىلىشتەك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەل قىلىش قانۇن تۈزۈمى ئورنىتىلدى.

  «نىزام» 29 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بىرىنچى، توختام تۈزۈش ۋە مەبلەغ كاپالىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھېسابتىكى پۇلنى چىقىم قىلىشنى مەنبەدىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛

  ئىككىنچى، چىقىم قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھېسابتىكى پۇلنى نېسى قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛

  ئۈچىنچى، ئىناۋەت نازارەتچىلىكى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ