مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.07.16 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى نۇقتىلىق قوللاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەبلەغ بىلەن تۈرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خام چوت قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى (تۈزىتىش لايىھەسى)» ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 15- ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى نۇقتىلىق قوللاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەبلەغ بىلەن تۈرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خام چوت قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى (تۈزىتىش لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيىسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە بازار سۇبيېكتىغا تىرەك بولۇپ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قوللاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىسى، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز خام چوتى ئىچىدە مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش كېرەك. بىكار قالغان زاۋۇت ئۆيلىرى، تۆۋەن ئۈنۈملۈك يەر قاتارلىقلارنى جانلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىلىق تۈرلىرىنى قوللاش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان بازا قاتارلىق جايلار مەلۇم نىسبەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ھەقسىز تەمىنلەش كېرەك. تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلىگەن ھەمدە نورمال تىجارەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ يۇرتىغا ۋە يېزىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە بىر قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. ئىككىنچىسى، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنى يۈرۈشتۈرۈش، رايون ھالقىپ يۈرۈشتۈرۈش تەرەققىيات سۇپىسى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. كەسىپلەشكەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىسى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۈسكۈنە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتا كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. سۇغۇرتا مەبلىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مالىيە خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش كەسپى چەكلىمىسىنى يولغا قويۇپ، رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىدا پاي ھوقۇقى سېلىنمىسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى ئۈلۈشىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى نوقتىدا سىناق قىلىش كېرەك. تۆتىنچىسى، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. كارخانا، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، ئالاقە تورى سۇپىسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ۋاكالىتەن باشقۇرۇش-تەربىيەلەش، كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى، ساياھەت، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ تاللاش قارىشىنى يېتەكلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە ۋە بىئولوگىيە قاتارلىق ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەنى ئۆگىنىشى ۋە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ