مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى تۇرمۇش غېمىدىن خالاس قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم

2020.07.13 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى. نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايرىقى روشەن ھالدا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى تەكىتلەپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

  بىر تەرەپتىن، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى ياخشىلاش كېرەك. بىرىنچىدىن، خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ئىنتايىن مۇھىم، جايلار ئىشنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تەمىنلەش، سېتىش قاتارلىق ھالقىلاردىن باشلاپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ «گۈرۈچ خالتىسى»، «كۆكتات سېۋىتى»نىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، بۇ يىل يۇقۇم ئىقتىسادى بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، قىسمەن رايونلاردا يەنە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم بولماقتا. بۇنىڭغا قارىتا، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش لازىم؛ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ياردەم بېرىش كېرەك.

  يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي نورمال تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە مۇھىمى بۇ سىياسەتلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، بازارنىڭ تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق، يول خەتەرلىك بولمىسا ئاتنىڭ ياخشىلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ۋەزىپە ئېغىر بولمىسا ئادەمنىڭ ئەخلاقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، كېيىنكى كۈنلەرنى بارغانسېرى ياخشىلاش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ