مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2020.07.10 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى؛ مەركەز خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7-ئاينىڭ 8-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى؛ مەركەز خامچوت ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا تەكشۈرۈپ چىقىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جۇغلانما ھۆل-يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، شۇنداقلا يامغۇر يېغىش مەركەزلىك بولۇپ، قىسمەن جايلار ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى. يېقىندا جەنۇبتىكى كۆپ قىسىم جايلاردا يەنىلا قاتتىق يامغۇر ياغدى، ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، كېيىنكى قەدەمدە يامغۇر رايونى شىمالغا كۆچىدىكەن. جەنۇب-شىمال ئاساسلىق تاشقىن مەزگىلىگە ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش «7-ئاينىڭ ئاخىرى، 8-ئاينىڭ بېشى»دىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويىدىكەن. ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھاياتلىق ھەممىدىن ئۈستۈن دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىكتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇللىرى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆزىتىش-سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىشى، ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، چوڭ دەريا ۋادىلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك دەريالارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئوتتۇرا، كىچىك سۇ ئامبارلىرىنىڭ خەۋپنى تۈگىتىش ۋە شەھەرنى ھۆلچىلىكتىن ساقلاشنى كۈچەيتىش كېرەك. شىمالدىكى دەريالاردىن كۆپ يىللاردىن بۇيان كەلكۈن كەلمەسلىك، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى بىرقەدەر ئاجىز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، خۇاڭخې- خۇەيخې دېڭىزى ۋە سۇڭلياۋ قاتارلىق جايلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كېڭىشىپ بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى تولۇق تەييارلاپ، سۇ ئامبىرى، توغان قاتارلىقلارنى چارلاپ مۇداپىئە قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تايانچ قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈن سۈيىنى قاچىلاش رايونلىرىدىكى ئىشلىتىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ئالدىن لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەھدىتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىدا يۆتكەش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ماددىي ئەشيا ۋە مەبلەغ مەدىتىنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىش، سۇ بۇزۇۋەتكەن قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن جايلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى ۋە قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىكنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ___ «ئىككى يېڭى، بىر مۇھىم» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يىغىندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بۇ يىل ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى 150 تۈرلۈك مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەتقىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇ باھاسى ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پاي ھوقۇقى ۋە ھەقدارلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئارقىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ