مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«توردىكى ئۆكتەملەر»گە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك

2020.07.10 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، نىڭبو شەھىرى فېڭخۇا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قېتىملىق نام-شۆھرەت ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇرز قىلىش دىلوسىغا قاراپ چىقىپ ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار ۋاڭ فامىلىلىك ئۈندىدار توپىدا دەۋاگەر كۇڭ فامىلىلىكنى ھاقارەتلەپ، كۇڭ فامىلىلىكنىڭ نام- شۆھرەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقتىن، كەچۈرۈم سوراش ھەمدە روھىي زىيان تەسەللى پۇلى ئۈچۈن 3000 يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىندى.

  بۇ دېلو مىسالى كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور سۇپىسى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، تور جەمئىيىتىدە، كىشىلەر ئوخشاشلا قانۇن- نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، خالىغىنىنى قىلماسلىقى كېرەك.

  ئۇزاقتىن بۇيان، ئالاقە تورى ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيىتىدە ھەر خىل ماجىرالار كۆرۈلدى، ھەتتا ئويۇندا تاكاللىشىپ قېلىش سەۋەبىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ ئۆچىنى ئالىدىغان ئاجايىپ ئىشلارمۇ يۈز بەردى. ئەلۋەتتە، كۆپىنچە ئەھۋالدا، ئىشلار بۇنداق ئېغىرلىشىپ كەتمەيدۇ، لېكىن «توردىكى ئۆكتەملەر» (توردا پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ھە دېسىلا ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىغان ئابونتلار) نىڭ يامانلىقىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى ئىشلىتىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى باشتىن كەچۈرۈپ باققانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇنداق ئۆكتەملەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپ مەۋھۇم سۇپىدا بولۇپ، ئۆز ئېكرانىغا قارىغاچقا، پاراڭلاشقاندەك تۇيغۇدا بولمايدۇ، يەنە رېئاللىقتىكى ئەخلاق چەكلىمىسى كەمچىل بولغاچقا، كاللىسى قىزىپ قالسىلا ئاسانلا ئېغىزىغا كەلگەننى دەيدۇ، ئۆزىنى كونترول قىلمايدۇ. ئەمما ھازىر قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈمىدە توردا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلارغا تۆۋەن چەك بېكىتىلدى، ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنى قانۇن چوقۇم جازالايدۇ.

  قانۇن ئالاقە تورى ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيىتىگە ئېنىق چەك قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى سۇپىلاردىكى تىجارەت قىلغۇچىلار ۋە توردىكى ئىجتىمائىي توپلارنى قۇرغۇچىلار، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ مۇھىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

  ھازىر خىزمەتداشلار، ساۋاقداشلار، كەسىپداشلار قاتارلىق تۈرلەر بويىچە تەشكىللەنگەن ئۈندىدار توپلىرىنىڭ سانى يوق، ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ھەر قېتىم گەپ-سۆزدە ماجىرا يۈز بېرىپ، بەزىلەر ھېچقانداق تۆۋەن چەك بولمىغان ھالدا سۆزلەپ باشقىلارغا ئازار بەرگەندە، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئارىلاشقاندىلا، دەۋالاشقۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغىلى بولسا، ئۇنداقتا ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت مىقدارى چوقۇم نورمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداق قىلمىشلارنى قانۇن-قائىدىلەرگە تايىنىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانىكەن، ھەر قايسى سۇپىلار ئۆزىنى- ئۆزى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ئۈندىدار توپلىرىدا بۇنداق ماجىرالارنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى ئەمەلىيەتتە ئۈندىدار تەرەپ ئۈندىدار توپلىرىغا تۈزگەن قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ قۇرۇق بولغانلىقى، كونكرېت قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش پىرىنسىپىنىڭ كەمچىل بولغانلىقى، سۇپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن كۆرسەتمە كەمچىل بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. بۇنداق بولغاندا ئابونتلار ئاسان قايمۇقۇپلا قالماي، ھەتتا باشقۇرغۇچىلارمۇ دائىم گاڭگىراپ قالىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن، يولغا قويۇشقا بولىدىغان قائىدە تۈزۈش كېرەك. ئەگەر ئېنىق قائىدە بولسا، ئۈندىدار توپلىرىنى قۇرغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارمۇ توپ ئىچىدىكى ئابونتلارنى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرالايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش تەرتىپسىزلىشىپ كەتمەيدۇ.

  قانۇن − تۆۋەن چەك، شۇنداقلا ئۇل، سۇپىنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇشى بۇ ئاساستا قائىدە تۈزىدۇ، تىجارەت قىلغۇچىلار مۇشۇ قائىدىلەرگە تايىنىپ ئابونتلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، تور بوشلۇقىنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ