مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.07.15 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 14-كۈنى سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ لى شيەنلۇڭنىڭ خەلق ھەرىكىتى پارتىيەسىنى يېتەكلەپ، يېقىندا مەملىكەتلىك چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىنگاپورنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا پائال نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، سىنگاپور خەلقى چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. جۇڭگو سىنگاپورنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەجرىبىلەردىن تولۇق تەڭ بەھرىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ماددىي ئەشيا ۋە تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاشنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاشنى، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو- سىنگاپور ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە ھەر ساھەدىكىلەر ئۆزئارا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. ئىككى دۆلەت ئالدى بىلەن زۆرۈر كىشىلەر بېرىپ-كېلىدىغان «تېز، قولاي يول» ئېچىپ، رايونلارنىڭ تەمىنات زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا بىرلىشىپ تۈرتكە بولدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىن كۆرەر، ئىستراتېگىيەلىك، ئۈلگىلىك خاراكتېرىنى قايتا نامايان قىلىپ، جۇڭگو-سىنگاپور كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە مۇھىم مەزمۇن قوشتى. بۇ يىل جۇڭگو-سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى. ئىككى تەرەپ جانلىق، كۆپ خىل شەكىلدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانىلىقىنى خەلق قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشى كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى قارشى تەرەپ دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «تېز، قولاي يول»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى» ۋە 3- تەرەپ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشى كېرەك. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ، سىنگاپورنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ يېڭى ئىقتىساد پائالىيىتىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوللاشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ