مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورى: يۈكسەك مەنىۋى مەنزىلنى تىرىشىپ ئىزدەش كېرەك

2020.07.14 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەزىلەر مەندىن كىشىلىك ھاياتتىكى بەختنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىدى. مېنىڭچە بەخت دېگىنىمىز شۇ ئادەمنىڭ تەبىئىتى تەلەپ قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ قىلغان شۇ ئىشىنىڭ ئىچىدە. ھەقىقىي بەخت قەلبنىڭ چاقىرىقى بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئۆزىگە ئايلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 2019- يىللىق شەخس» بولۇپ سايلانغان فەن جىنشى، ئۆزىنىڭ بەخت قارىشىنى مۇشۇنداق ئىزاھلىدى، بىر تەرەپتىن «دەۋر ئۈلگىسى» دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كوللېكتىپىنىڭ ئورتاق قىممىتى ۋە ئالىيجاناب ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى.

  كىشىلىك ھاياتتىكى بەخت، شەخسىي قىلغان ئىشلارغا يوشۇرۇنغان. ئىش قىلغاندا تەبىئىتى ۋە ئەسلىي مەقسىتىگە ئەمەل قىلىش بىر خىل ئىنتىلىش ۋە بىر خىل مەنزىلدۇر. مۇشۇنداق ئىنتىلىش ۋە مەنزىل بولغاچقا، نۇرغۇن «ئاتلىنىش» ھېكايىسى بارلىققا كەلگەن؛ چاڭ شۇخۇڭ پارىژدىن پەقەت «مىللىي سەنئەت خەزىنىسىنى ئىزدەش» ئۈچۈنلا كەلگەن؛ فەن جىنشىنىڭ پايتەخت بېيجىڭدىن كېلىشىدە «ۋەتەننىڭ ئېھتىياجى دەل مېنىڭ ئارزۇيۇمدۇر» دېگەن ئېتىقاد ئۈچۈندۇر. مۇشۇنداق ئىنتىلىش ۋە مەنزىل بولغاچقا، نۇرغۇن رىۋايەتلەر بارلىققا كەلگەن؛ دۇەن ۋېنجيې ئۆمرىنى موگاۋ غارىغا بېغىشلىدى، ئۇ تاكى ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتىغا قەدەر يەنىلا «دۇنخۇاڭ» دەپ ئېنىق چاقىرىپ تۇردى؛ لى يۈنخې 23 يېشىدا دۇنخۇاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغان، ھازىرغىچە 64 يىل بولدى. مۇشۇنداق ئىنتىلىش ۋە مەنزىل بولغاچقا، نۇرغۇن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىزىق پاراڭلار بارلىققا كەلدى؛ ئۇلار ئىككى قولى ۋە شۇ ئاددىي قوراللىرى بىلەن نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان 300دىن ئارتۇق غاردا يىغىلىپ قالغان قۇملارنى تازىلاپ، نەچچە مىڭ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تامنى ياسىغان؛ ئاچچىق سۇ ئىچىش، جىن چىراغ يېقىش ۋە قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇم قىلىشى قاتارلىق چىدىغۇسىز جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى دۇنخۇاڭ سەنئىتىگە سەرپ قىلىپ ئۇنى قوغدىدى.

  جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان مۇھەببىتى، خىزمەت ۋە ئىشلارغا بولغان چىڭ تۇرۇشى، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشى، كىشىلەرنىڭ قەتئىي چىڭ تۇرۇش جەريانىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، گۈزەل ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئارالنى قوغداش قەھرىمانى ۋاڭ جىسەي 32 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، قاقاس ئارالدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقىرىشتا چىڭ تۇردى؛ «سۇ باشقۇرغۇچى» زېڭ جىجۇڭ، ئىجتىھات ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، سۇغىرىشنى باشقۇرۇشتىكى «يەتتە خەتلىك دەستۇر»نى يەكۈنلەپ، كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇردى؛ ياردەمچى ئىنژېنېر ۋۇ جىڭچۈەن، ھەر كۈنكى تاشقىن سانلىق مەلۇماتىنى ئەستايىدىل خاتىرىلەپ، قانۇنىيەتنى تەتقىق قىلىپ، بىر يۈرۈش يېڭىچە تاشقىن سانلىق مەلۇمات مودېلىنى بەرپا قىلغان. نۇرغۇن ئادەتتىكى ئادەملەر، نۇرغۇن ئادەتتىكى ئىشلار، ھەممىسى مۇنداق بىر ئاددىي قائىدىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: بىر ئادەم ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلسا، چىقىرىشقا تېگىشلىك كۈچىنى چىقارسا، مۇۋەپپەقىيەت شۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، بەختمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

  ئادەم خىزمەت بىلەن مۇستەقىل بولىدۇ، يەنە خىزمەت بىلەن گۈزەل بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خىزمەت كىشىلىك ھاياتنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، روھىغا ئېنېرگىيە ئىگە قىلدۇرىدۇ. خىزمەتنى كەسىپ دەپ بىلىدىغان ئادەم، پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىپ، قىزغىنلىق ۋە زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىدۇ؛ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقنى «شوتا» قىلىپ ۋە شۇنىڭغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە قىيىنچىلىقنى يېڭىش داۋامىدا كۈرەش قىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلىدۇ؛ نام-مەنپەئەت بىلەن ھېسابلاشماي، تۆھپە قوشۇپ، ئۆز تەقدىرىنى دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرىدۇ.

  ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن ئۈگەنگەندە، ئۆزىنىڭ پەرقىنى كۆرۈش تەس ئەمەس. بىزنىڭ بەلكىم بىر ياخشى خىزمىتىمىز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن كۆپ ھاللاردا بىر خىل چوڭقۇر مۇھەببەت كەمچىل بولىدۇ، بەلكىم ئۇنى پەقەت بىر خىل كەسىپ دەپلا قارىشىمىز مۇمكىن. بىز خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى بىر خىل تىرىشىش نىشانىدۇر، دەپ قىلىشىمىز مۇمكىن، لېكىن، كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭدا يۈكسەك ئىنتىلىش كەمچىل بولىدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇقساقلا يانتىيىمىز. بىز بەلكىم ئېغىزمىزدا نام-مەنپەئەت قوغلاشمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز مۇمكىن، لېكىن كۆپ ھاللاردا ئۆزىنى ئۇنتۇش مەنزىلى كەمچىل بولىدۇ، دائىم پايدا-زىيىنىنىڭ غېمىنى يەيمىز. دانىشمەنلەر مۇنداق دېگەن: پەقەت ھېسسىيات بولغاندىلا، يەنە كېلىپ پەقەت چوڭ ھېسسىيات بولغاندىلا، ئاندىن روھنى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلە مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، دۆلەتكە ۋە خەلققە بولغان مۇھەببىتىمىزنى ھېسسىياتىمىزغا ۋە قان تومۇرىمىزغا، خىزمەت ۋە كەسىپكە سىڭدۈرغاندىلا، ئاندىن مەڭگۈ قۇرۇپ كەتمەيدىغان ھاياتىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچچچنى قويۇپ بېرەلەيمىز.

  ئىنسانلارغا بىر خىل خىزمەت يۈكلەندى، ئۇ بولسىمۇ روھنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى. كىشىلىك ھاياتتىكى بەختنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىپ، يۈكسەك مەنىۋى مەنزىل ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىپ، خىزمەت، ھەقىقىي سېلىنما ۋە خالىس تۆھپە قوشقاندا، ئۆزىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەختكە ئېرىشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  ەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ