مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تۇنجى جۇدالىق» ناملىق كىنو كىنوخانىلار بىلەن بىرگە قايتىپ كېلىدۇ

2020.07.14 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىنوخانىلار تاقىلىپ 170 كۈندىن كېيىن بېرلىن، توكيو، شياڭگاڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئۈچ قېتىم مۇھىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن «تۇنجى جۇدالىق» ناملىق كىنو يېقىندا ئالدى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، كىنوخانىلار تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۇنجى كۈنى مەملىكەت بويىچە ئاشكارا قويۇلۇش بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كىنو بۇ يىل چاغاندىن كېيىنكى ئېنىق قويۇلۇش ۋاقتىنى رەسمىي ئېلان قىلغان تۇنجى كىنو ئىكەن.

  «تۇنجى جۇدالىق»» ناملىق كىنو قەلبنى داۋالاش تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك كىنو. كىنودا شىنجاڭدىكى ئەيسا ئىسىملىك ئوغۇل بالىنىڭ تۇرمۇشى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، ئۇنىڭ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ياخشى دوستى قەلبىنۇر بىلەن بولغان تەسىرلىك بالىلىق ھېكايىسى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بايان قىلىنغان. كىنودا بىر خىل شېئىرىي رېئالىزملىق ئۇسلۇب بىلەن چوڭ ئېكراندا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان شىنجاڭنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان. گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ۋە سەھرا ناخشىسى ئىچىدە، بالىلار جۇدالىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، جۇدالىق ئىچىدە قايتا ئۇچرىشىشقا ئىنتىزار بولىدۇ.

  بۇ كىنو بىر يىلدىن بۇيان يەر شارى A تۈردىكى كىنو فېستىۋاللىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلدى، بېرلىن، توكيو، شياڭگاڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا ئۆزى تەۋە مۇسابىقە بۆلىكىدىكى «ئەڭ ياخشى كىنو» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، رېژىسسور ۋاڭ لىنامۇ خەينەن ئارىلى خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى رېژىسسور» مۇكاپاتىنى ئالدى، كىنونىڭ سۈپىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. شياڭگاڭ خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «ئوت قۇشى مۇكاپاتى»نىڭ باھالىغۇچىسى جياڭ ۋېن كىنونى تەرىپلەپ: «كىنونىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلگەن، رېژىسسورنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مۇكەممەللىككە ئىنتايىن يېقىنلاشقان!» دېدى، تاماشىبىنلار كىنودىكى بالىلار ئارىسىدىكى سەبىي ھېكايىلەردىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، بۇ كىنونى «جۇڭگو نۇسخىسىدىكى ‹كىچىك ئاياغ›»، دەپ ئاتىدى.

  «تۇنجى جۇدالىق» ناملىق كىنونى ئىشلىگۈچى تەرەپ ۋە ئېلان قىلغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، «پىلنىڭ ھەمراھى كىنوچىلىقى»نىڭ قۇرغۇچىسى ۋۇ فېييۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تۇنجى جۇدالىق» يېرىم يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بېكىتىلگەن كىنو بولۇش سۈپىتى بىلەن تاماشىبىنلارغا بىر قېتىملىق ئىللىقلىق ۋە ئۇنتۇلغۇسىز كىنو كۆرۈش مۇراسىمى ئېلىپ كېلىشى، بالىلىق قەلبى بىلەن دۇنيانى داۋالىشى مۇمكىن. «كىنو قايتىپ كېلەي دەپ قالدى، ھازىر مەملىكەت بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى، كىنوخانىلارنىڭ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئاز قالدى. لېكىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېھتىياجى بىلەن بازارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بىر جەريان كېتىدۇ، تىجارەت ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ كىنوخانىلارنىڭ يەنىلا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ، شۇڭا يېڭى كىنو ۋە كىنونى قىزغىن سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە كىنوخانىغا كىرىپ قوللىشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا بىز ئۈچ يىل كۆڭۈل قويۇپ تاۋلىغان، قان-تەرىمىز بەدىلىگە كەلگەن «تۇنجى جۇدالىق» ناملىق ئەسىرىمىزنى بىرىنچى بولۇپ قويۇشنى قارار قىلدۇق، بۇ ئارقىلىق كىنوخانىلارغا بولغان قوللىشىمىزنى، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇش مەقسىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز، شۇنداقلا تاماشىبىنلارنىڭ كىنوغا بولغان قىزغىنلىقىنى قايتىدىن قوزغىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق كىنوخانىلارنى قوللاش دەل پۈتكۈل ساھەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، شۇنداقلا جۇڭگو كىنولىرىنىڭ كەلگۈسىنى قوللاشتۇر».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ