مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرىدا ساختىپەزلىك قىلىش ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوغدايلى

2020.07.16 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەزى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەققىدە ساختا كېلىشىم ئىمزالاشتەك قىلمىشلارنىڭ بارلىقىغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 14- چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا ھەر قانداق شەكىلدىكى ساختىپەزلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقنى، ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىرىنى بايقىسا. بىرىنى تەكشۈرۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

  2020-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 8 مىليون 740 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 400 مىڭ ئوقۇغۇچى كۆپەيدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى، «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش» ۋە «مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش» بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا قارىتا بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن يېڭىش كېرەك، ناتوغرا ئويدا بولۇشقا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى، بۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنگە باراۋەر. يەنە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق، ھەمدە يۇقىرى قاتلامنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا دەخلى قىلغانلىق بولۇپ، ئۇ بىر تۇتاش پىلانلاپ تەدبىر بەلگىلەشكە پايدىسىز.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشى زۆرۈر ھەم ۋاقتىدا بولدى، «تۆتكە يول قويماسلىق» ئىنتايىن قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ۋە ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلاش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى تارقىتىپ بېرىشنى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىۋېلىش، نوپۇس ۋە ئارخىپىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ساختا كېلىشىمى ئىمزالىتىش، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىش ئورنىدا پراكتىكا قىلىش ۋە پراكتىكا ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىسپات ماتېرىيالى قىلىش، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۆزىگە سىغمايدىغان «شەھەر سىرتىدا گۇرۇھ تۈزۈش»تۇر.

  ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشى ئەڭ كۈچلۈك تىرەك بولدى. ئۇلار ئەسلىدە ئېلىشقا تېگىشلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى راۋان ئېلىپ، خىزمەت ئىزدەش يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا پۈتۈن زېھنى بىلەن قاتنىشالىشى كېرەك، ئۇلار پاسسىپ توسالغۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشالىسا، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالىسا، ئەلۋەتتە ياخشى ئىش؛ خىزمەت ئىزدەش توسالغۇغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، ئۈمىدسىزلەنمەي، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشسا، پۇرسەت كېيىنكى دوقمۇشتا بولۇشى مۇمكىن. جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش «يېڭى سەھىپە»نى ئاچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سەمىمىيىتى خۇددى «كىشىلىك ھاياتنىڭ تۈگمىسىنى باشتىلا ياخشى ئېتىش كېرەك»بولغاندەك بىر ئىش.

  ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتا، ئەلۋەتتە كونكرېت تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماتېرىيالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، پاش قىلىش تېلېفونى ۋە پوچتا ساندۇقى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 3- تەرەپ ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئېنىقلاش كېرەك. بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئەمەلىيەتتە «راستچىل بولۇش» ئۈچۈن ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرىدا ساختىلىق قىلىشتەك قىلمىشلىرىنى چۆچۈتۈش ئۈچۈندۇر. گۇمانلىق ئۇچۇرلارنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ، ئىنكاس قايتۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ساختىپەزلىك قىلغۇچىلارنىڭ تەلەي سىناش خام خىيالىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلاردىن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىپ ساختىلىق قىلغانلىقىغا بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك.

  ئالىي مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان «ئەڭ ئاخىرقى دەرس». ئىجتىمائىي ئورۇنلارنى تەكلىپ قىلىپ مەكتەپ ئىچىدە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە پائال تەشكىللەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت ئىزدەش ۋە ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى تارقىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلار بولۇپ، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئانا مەكتەپنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تاللىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى بار ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ ئىشىكىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ خىزمەتلەر ئەھمىيەتلىك، شۇنداقلا ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر.دۆلەت كارخانىلىرى بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئۇدا كېڭەيتىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش ھەرىكىتىنى كېڭەيتىش، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كېڭەيتىپ قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى تولۇقلاش دېگەندەك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىكى بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئەمەلىيەتتە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان. جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ قۇدرەتلىك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بولسا، بىزنىڭ باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈپ، غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر.

  كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، نەق مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەك، كەلگۈسىمىزدە ئۇمىد بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ