مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تايلاند زۇڭلىسى پىرايۇت بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.07.15 16:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 14-كۈنى تايلاند زۇڭلىسى پىرايۇت بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تايلاند ئۆزئارا قوللىشىپ، جاپا مۇشەققەتنى تەڭ يېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن دوستلۇق ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى، نۆۋەتتە يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا. جۇڭگو بىلەن تايلاند يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى. جۇڭگو تايلاند بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشنى بىخەتەر ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ساغلام ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تايلاندنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرگە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، يەر شارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ مۇناسىۋەت ئاساسى مۇستەھكەم، يوشۇرۇن كۈچى چوڭ. بۇ يىل كىرگەندىن بېرى، ئىككى دۆلەت يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ سودىسى ۋەزىيەتكە قارشى ئاشتى، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق بولدى، ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ،بىر يول» بىلەن«تايلاند4.0»،«شەرقىي قىسىم ئىقتىساد كارىدورى» قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، جۇڭگو بىلەن تايلاندنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىدىن تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تايلاند بىلەن بىرگە رايون، دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆز رايونىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى قوغدىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ