مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتا خەلق ھەممىدىن ئەلا

2020.07.14 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جايلار كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى. يېقىندا، چۇڭچىڭ، جياڭشى، ئەنخۇي، خۇبېي، خۇنەن، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا! 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-ئىيۇل كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى تەكىتلىدى.

  خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا! شىددەتلىك كەلكۈن ئالدىدا، ئايىغىمىز ئاستىدىكىسى ھاياتلىقنى قوغدايدىغان توسما، كەينىمىزدىكىسى ھايات كەچۈرىدىغان ماكانىمىز. توسمىنى ساقلاپ قېلىش − دەل ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش، كەلگۈسىنى ساقلاپ قېلىشتۇر، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر.

  خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، كېڭىشىش، ھۆكۈم قىلىش، قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، چارلاش، مۇداپىئە كۆرۈش، ئاممىنى يۆتكەش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەت ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىشى، بولۇپمۇ ناھىيە، يېزا، كەنت ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەن دەريا، كۆل ئامبارلىرىغا قارىتا، بولۇپمۇ يەرلىكنىڭ مۇداپىئە دامبىسىنى چارلاش-ساقلاشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مۇداپىئە دامبىسىنى چارلاشنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى، ئاق قالماسلىقىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ ھەمدە خەتەرلىك قۇرۇلۇش، خەتەرلىك بۆلەك، تارىخىي خەتەر نۇقتىسى، توسمىنى تېشىپ ئۆتكەن ئىمارەت قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى نۇقتىلىق رەتلەپ، مەخسۇس ئادەم ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كەلكۈن، سۇ ئامبىرى ھادىسىسى ۋە كەلكۈن ئاپىتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ خەۋپ ئىچىدە، دەريادىكى كەلكۈنگە قاتتىق دىققەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئاپەت تۈرى بولغان تاغ كەلكۈنى ئاپىتىنىمۇ مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ۋاقتىدا يۆتكىلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. چوڭ دەريالارغا سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرا، كىچىك دەريالارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمى تۆۋەنرەك، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى كەمچىل. كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىدە «چوڭ»نى تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كىچىك»نىڭمۇ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، ئالدىنى ئېلىش، چارلاش، گىدرولوگىيەلىك ئۆلچەش ۋە كەلكۈندىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ھەمدە ئوتتۇرا-كىچىك دەريا ئېقىنىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، «كىچىك توسمىدا چوڭ ئاپەت» يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىز شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، لېكىن خىرە نۇقتا، يوشۇرۇن خەۋپ قالدۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنىلا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز كېرەك.

  ئەنئەنىۋى مەنىدىكى «يەتتە قېتىم چۈشۈش، سەككىز قېتىم ئۆرلەش»تەك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ھالقىلىق باسقۇچىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىمالدىكى يامغۇر پەسلىمۇ باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. شىمالدا كۆپ يىللاردىن بۇيان كەلكۈن كەلمىدى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېڭى ۋە قۇرۇلۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز، كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، سۇ قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالاقىدار توسما سۇ ئامبارلىرىنى تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش، تۈزەش جەھەتتە سالماقنى ئاشۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ