مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈندىدارىڭىزنى ئىجارىگە بېرىپ پۇل تاپماقچىمۇ؟ باشقىلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشىغا ياردەم قىلماڭ

2020.07.16 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ئۈندىدارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالىمىز، سېتىشنى خالىمىسىڭىز ئىجارىگە بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، كۈنىگە 30 يۈەندىن 80 يۈەنگىچە»... ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا مۇشۇنىڭدەك ئۈندىدار ئىجارە ئېلىش ئېلانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يېقىندا، ۋۇخەن ساقچىلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتال ھېسابات نومۇرىنى سىرتقا ئارىيەتكە بەرگەندە، ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

  5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونىدىكى 17 ياشلىق ئوقۇغۇچى شياۋلى ئۆيىدە تورغا چىقىپ، QQ بوشلۇقىدا ئۈندىدارنى ئىجارىگە ئېلىش ھەققىدىكى قوشۇمچە خىزمەت ئۇچۇرىنى كۆردى. ئۇچۇردا «ئۈندىدار نومۇرىنى ئىجارە ئالىمەن، بىر كۈنلۈكى 30 يۈەن»، «ھەق ئېلىنمايدۇ، ھەققىڭىز ھەر كۈنى بېرىلىدۇ» دېيىلگەن ئىدى، شياۋ لى قارشى تەرەپكە شەخسىي خەت يازدى.

  شياۋ لى تەلەپ بويىچە كودنى سىكاننېرلاپ بىر ئۈندىدار توپىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى، كىرىش مەخپىي نومۇرىنى قارشى تەرەپكە ئېيتىپ بېرىپ، ئۈندىدار نومۇرىنى قارشى تەرەپنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. قارشى تەرەپ شياۋلىنىڭ ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق ناتونۇشنى قوشۇپ، ئۇلارنى زاكاز چۈشۈرۈشكە يېتەكلىدى ھەمدە ھەر بىر قېتىم زاكاز چۈشۈرسە، دىرىنىڭ %5 تىن %8 ىگىچە پايدا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، بىر كۈندە بەش زاكاز چۈشۈرسە 88 يۈەن قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  يان تېلېفون ئۈندىدارىدا، شياۋلى قارشى تەرەپنىڭ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقان مەزمۇنىنى كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ تەلەپ بويىچە مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن، يېنىدىن تۆلەپ تۇرغان پۇلنىڭ قايتۇرۇلمىغانلىقىنى، نەتىجىدە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقىدى. شياۋلى ھەر كۈنى كەچ سائەت 9 دا قارشى تەرەپ يۆتكەپ بەرگەن 30 يۈەن ھەقنى تاپشۇرۇۋالىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئىشلارنى توسمىدى.

  ساقچىلار ئۇنى تاپقاندىن كېيىن، شياۋلى ئاندىن ئۆزى ئىشلەتكەن ئۈندىدار نومۇرىنىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلى ئالداپ ئېلىۋېلىنغانلىقىنى بىلدى. شياۋلى سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئۈندىدار نومۇرىنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىغا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە ئالدامچىلارغا داۋاملىق ياردەم بەرگەن بولغاچقا، ئالدامچىلىق قىلمىشىدىكى ئورتاق جىنايەتچى ھېسابلىنىپ، نۆۋەتتە ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى؛ ئۇنىڭ ئۈندىدارىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغان گۇماندار رايون ھالقىغان بولغاچقا، ساقچىلار يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ ۋە قوغلاۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونىدىكى ساقچىلار قانۇن بويىچە ئۈندىدار ئىجارىگە ئېلىش ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا ئالدامچىلىقى قىلىش دېلوسىدىن بىر نەچچىنى بېجىرگەن. ئالدامچىلىق گۇماندارى ئۆزىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، قولىدا پۇل كەم ياشلار (ئاياللار، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان)نىڭ كىچىك پايدا ئېلىش، تەييارغا ھەييار بولۇش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۈندىدار، QQ قوشۇمچە خىزمەت توپى، چولپان قوغلىشىش توپى ۋە يازمىخانا قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا ئۈندىدار ئىجارىگە ئېلىش ھەققىدىكى قوشۇمچە خىزمەت ئېلانى يوللىغان. ھەقىقىي ئىسىم بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان ئۈندىدار نومۇرىنى ئىجارىگە ئالغاندىن كېيىن، ئالدامچىلىق گۇماندارلىرى تېزدىن ھەرقايسى توپلاردا زاكاز چۈشۈرۈش قاتارلىق قوشۇمچە خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئالدامچىلىق قىلغان.

  ساقچى تەرەپ كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىنى، ئۆزىنىڭ ئۈندىدار، QQ نومۇرى، سالاھىيەت ئۇچۇرى، بانكا كارتىسى قاتارلىقلارنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجارىگە ياكى ئارىيەتكە بەرمەسلىكىنى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ