خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 5-ئايدا، كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشقان.
ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىق كەسپىدە تىجارەت كىرىمى بىلەن پايدا تەڭ ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 ئاشقان، پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.7 ئاشقان. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى ئېكسپورتىدا مال تاپشۇرۇش قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.5 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 5-ئايدا، ئېكسپورتتا مال تاپشۇرۇش قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.7 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.
كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، كومپيۇتېر ياسىمىچلىق كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشقان، پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 5-ئايدا، كومپيۇتېر ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.4 ئاشقان، ئېكسپورتتا مال تاپشۇرۇش قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.4 ئاشقان. ئالدىنقى بەش ئايدا ئېلىكتىرونلۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.0 ئاشقان، پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 ئاشقان. ئالدىنقى بەش ئايدا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلىگەن، لېكىن پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70.3 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ