مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019-يىلى مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 136 مىڭ 307سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2020.01.19 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 136 مىڭ 307سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، 194 مىڭ 124 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 124 مىڭ 723 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 2019-يىلى 12-ئايدا، مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 22 مىڭ 401ى بولۇپ، 31 مىڭ 38 كىشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، 20 مىڭ 870 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان 136 مىڭ 307 مەسىلە ئىچىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغان، چەكلىسىمۇ بويسۇنمىغان ياكى ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ، قۇرۇق شوئار توۋلىغان، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولغان، ئەمەلىيەتتىن، ئاممىدىن چەتنەپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغىنىدىن 2095ى؛ ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتلەردە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماي، قىلىدىغاننى قىلماي قالايمىقان قىلىپ، يالغان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگىنىدىن 59 مىڭ 588ى؛ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا پاسسىپ تاقابىل تۇرغان، سوغۇق، قاتتىق مۇئامىلە قىلىپ، باشقىلارغا ئىتتىرگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك مەسىلىدىن 3161ى؛ تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىن قايتا باش كۆتۈرۈپ، ھۆججەت ئىستىلى، يىغىن ئىستىلى راستچىل، دۇرۇس بولماي، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش-باھالاش زىيادە كۆپ بولۇپ، ئىز قالدۇرۇش زىيادە كۆپ بولۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىسىدىن 1696سى؛ باشقا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 8371ى بار. راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇققا تەۋە بولغان مەسىلىلەر ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات تۈرىدىكى سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىش-بېرىش مەسىلىسىدىن 1872سى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل ۋە باشقا بۇيۇملارنى قوبۇل قىلىش-بېرىش مەسىلىسىدىن 13 مىڭ 98ى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىدىن 8960ى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ زىياپىتىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدىن 3015ى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 4583ى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسىدىن 15 مىڭ 375ى؛ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش شۇنداقلا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى قاتارلىقلارنىڭ ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدىن 2824ى؛ باشقا راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىسىدىن 11669ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرغا چېتىشلىق مەسىلىدىن بەشى، ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك كادىرغا چېتىشلىق مەسىلىدىن 761ى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرغا چېتىشلىق مەسىلىدىن 9976سى، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنلەرگە چېتىشلىق مەسىلىدىن 125 مىڭ 565ى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ