مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چۈەنجيەن دېلوسىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى

شۇ يۈخۇي 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2020.01.09 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تيەنجىن شەھىرى ۋۇچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 8-يانۋار جاۋابكار ئورۇن چۈەنجيەن تەبىئىي تېببىي پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە جاۋابكار شۇ يۈخۇي قاتارلىق 12 كىشىنىڭ شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش دىلوسىغا قانۇن بويىچە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار ئورۇن چۈەنجيەن شىركىتى ۋە جاۋابكار شۇ يۈخۇي قاتارلىق 12 كىشىنى شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، دەپ بېكىتىپ، جاۋابكار ئورۇن چۈەنجيەن شىركىتىگە قانۇن بويىچە 100 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى، جاۋابكار شۇ يۈخۇيغا مۇددەتلىك توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بەردى ھەمدە 50 مىليون يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويدى؛ باشقا 11 جاۋابكارغا ئۈچ يىلدىن ئالتە يىلغىچە بولغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى ھەمدە جەرىمانە قويۇلدى؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. جاۋابكار شۇ يۈخۈي سوتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، قانۇنغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  قاراپ چىقىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، 2007-يىلىدىن بۇيان، جاۋابكار ئورۇن چۈەنجيەن شىركىتى يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپاتنى يەمچۈك قىلىپ، باشقىلارنى تەننەرخى سېتىلىش باھاسىدىن ئېغىر دەرىجىدە چەتنەپ كەتكەن مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىپ چۈەنجيەن شىركىتىنىڭ ئەزاسى بولۇشقا قىزىقتۇرۇپ، ئاندىن ئەزا قوبۇل قىلغان ئادەم سانىنى ئاساس قىلىپ پايدا قايتۇرۇپ، ئەزالارنى داۋاملىق باشقىلارنى قاتناشتۇرۇشقا قىزىقتۇرۇپ، پىرامىداسىمان قاتلام-دەرىجە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، غايەت زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشكەن. جاۋابكار شۇ يۈخۇي چۈەنجيەن شىركىتىنىڭ ئەمەلىي كونترول قىلغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەتنىڭ شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، باشقا جاۋابكارلار شۇ يۈخۇينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىشقا قاتناشقان ياكى چۈەنجيەن شىركىتىنىڭ ساتقۇچى سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئەزا تەرەققىي قىلدۇرغان.

  تيەنجىن شەھىرى ۋۇچىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ئورۇن چۈەنجيەن شىركىتى ۋە جاۋابكار شۇ يۈخۇي قاتارلىق 12 كىشىنىڭ قىلمىشى شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىنى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، قىلمىشى ئېغىر. جاۋابكار ئورۇن چۈەنجيەن شىركىتى ۋە جاۋابكار شۇ يۈخۇينىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش قىلمىشى بارلىقىنى، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ جىنايىتىگە توۋا قىلغانلىقىنى، جاۋابكار ئورۇننىڭ بىر قىسىم قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جاۋابكار ئورۇن چۈەنجيەن شىركىتى ۋە جاۋابكار شۇ يۈخۇيغا قانۇن بويىچە يۇقىرىقى ھۆكۈم چىقىرىلدى. باشقا جاۋابكارلارنىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ياكى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلىش، جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر قايسى جاۋابكارلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى ئورنى، رولىغا بىرلەشتۈرۈپ قانۇن بويىچە ئايرىم-ئايرىم جازا بېرىلدى.

  بىر قىسىم جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس-ئالىملار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسى دېلونىڭ ھۆكۈمىنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ