مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى مەڭگۈلۈك ماگنىت قوزغىتىش تىك تۆت تەرەپلىك تۇرۇبا ماشىنىسى چاڭشادا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.12.17 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-دېكابىر، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائەت گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان مەڭگۈلۈك ماگنىت قوزغىتىش تىك تۆت تەرەپلىك تۇرۇبا ماشىنىسى چاڭشادا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ ماشىنا شېنجېن بەنشۆگاڭ پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى رايونى بىلەن شېنجېن مېترو 10- لىنىيەسىنىڭ يەر ئاستى تونېلى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ، ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى مەڭگۈلۈك ماگنىت قوزغىتىش تىك تۆت تەرەپلىك تۇرۇبا ماشىنىسى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ ئۈسكۈنىنىڭ كەڭلىكى 10.2 مېتىر، ئېگىزلىكى 6.6 مېتىر، ئاساسىي ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر كېلىدۇ، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى قوشقاندا ئومۇمىي ئېغىرلىقى 700 توننا كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا قېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالتە دانە تىغلىق تەخسە لايىھىلەنگەن بولۇپ، تىغلىق تەخسىنىڭ ئالدى-كەينى گىرەلەشتۈرۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قالقان قالپىقى لەمپىسى ۋە كۆرۈنمەس رايوننىڭ ئېقىم باشلاش بۆلىكىنى قوشۇمچە يونۇش ئارقىلىق قېزىش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، تىك تۆت تەرەپلىك تولۇق كەسمە يۈز قېزىش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشچە، ئادەتتىكى يۇمىلاق شەكىللىك قالقان قۇرۇلما ماشىنىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى تىك تۆت تەرەپلىك تۇرۇبىسىنىڭ شەكلى تىك تۆت تەرەپلىك، يۇمىلاق كەسمە يۈزىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىش كۆلىمىدىن %20 ئارتۇق چوڭ بولۇپ، يەر ئاستى بوشلۇقىدىن تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا پايدىلىق ئىكەن. تىك تۆت تەرەپلىك تورۇبا قېزىش ماشىنىسى قېزىشقا باشلىغاندا ئىگىلەيدىغان كۆلىمى كىچىك، يېپىلغان توپا تېيىز بولۇپ، قىسقا ئارىلىقتىن قېزىشقا ماس كېلىدىكەن، قالقانسىمان قېزىش ماشىنىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەرزان، قۇرۇلۇش قىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ