مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىپايان ئالەمدىن خۇشخەۋەر ئىزدەش:

دۆلىتىمىز قۇياش سىستېمىسىنىڭ يېقىن قوشنىلىرى ئىچىدە ياشاشقا باب كېلىدىغان سەييارىلەر بويىچە ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىش پىلانىنى يولغا قويىدۇ

2019.12.13 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا باب كېلىدىغان سەييارە بارمۇ-يوق؟ ئۇ قەيەردە؟ قانداق ئىزدەش كېرەك؟ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى داشۆسىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتۈلگەن بىر مەيدان دۆلەت كارخانىلىرى ئوچۇق دەرسىدە، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈەن جيې نەق مەيداندىكى 500 ئوقۇغۇچىغا جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ 2030-يىلى ۋە 2045-يىلى ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرىنى تەسۋىرلەپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە قۇياش سىستېمىسىنىڭ يېقىن قوشنىلىرى ئىچىدە ياشاشقا باب كېلىدىغان سەييارىلەر بويىچە ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىش پىلانى − «خۇشخەۋەر ئىزدەش پىلانى» بار.

  يۈەن جيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «خۇشخەۋەر ئىزدەش پىلانى» ئالەم ئۇچقۇسى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، بىۋاسىتە تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن قۇياش سىستېمىسىدىن باشقا ياشاشقا باب كېلىدىغان سەييارىلەرنى ئالدىن بايقاپ ۋە ئىسپاتلاپ ھەم ئۇنىڭ ياشاشقا باب كېلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇياش سىستېمىسىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنى سىپېكتىر بىلەن چارلاپ، سۇنىڭ تارقىلىشىنى ئېچىپ بېرىپ، 0.01 بۇلۇڭلۇق سېكۇنت بوشلۇق پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەلدە قىزىل دولقۇن بۆلىكىدە ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدىكەن.

  «بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلىتىمىزنى ئاساسىي تەتقىقات ساھەسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدۇرىدۇ»، دېدى يۈەن جيې، - «خۇشخەۋەر ئىزدەش پىلانى»نىڭ ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى بوشلۇق تەقسىملىمە ئاپېرتۇرىلىق تېلېسكوپ تېخنىكىسى، تۆۋەن شاۋقۇنلۇق ئوتتۇرا ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تەكشۈرۈش تېخنىكىسى، يۇقىرى سەزگۈرلۈك، يۇقىرى مۇقىملىقتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق بوشلۇقتا تەكشۈرۈش تېخنىكىسى، تيەنجى تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۇپىسى كۆپ دەرىجىلىك سىستېمىسى يۇقىرى، مۇقىم قۇرۇلمىلىق كونترول قىلىش تېخنىكىسى، تيەنجى كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە سانلىق تەقلىدلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ