خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنى جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى 2019-يىلدىن 2020-يىلىغىچە بولغان مەركەزنىڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 5 مىليارد 244 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، جايلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ بۇ يىل قىشتىن، كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ۋە قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكى، قىشتىن ئىسسىق چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، جايلاردا قۇتقۇزۇش ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاش، كېڭىشىپ باھالاپ يۇقىرىغا يوللاشنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش ئومۇمىي ئېھتىياجىنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، مالىيە مىنىستىرلىقى مۆلچەرىي ھېسابلاپ ئوتتۇرىغا قويغان مەركەزنىڭ قىشلىق-ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرىنى ۋاقتىدا كېڭىشىدۇ.
12-ئاينىڭ 10-كۈنى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، جايلاردىن تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرتىپ، ئۆلچەمگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، چاغاننىڭ ئالدىدا مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلاشتۇرغان قىشلىق-ئەتىيازلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ