شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شيامېن-2019» تور تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شيامېن-2019» تور تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى فۇجيەننىڭ شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا سەككىز دۆلەتنىڭ مەسئۇل ئورگىنى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكى مانېۋىرغا قاتنىشىپ، تېررورلۇققا چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى بايقاشتىن تارتىپ، تېررورچىلارنى تەكشۈرۈش ۋە تۇتۇشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى تۇنجى قېتىم تاماملىدى. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 3-قېتىم تور تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى تەشكىللىشى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ