مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق-كۈزلۈك تەتىلگە قويۇپ بېرىشنىڭ «كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشى»دىن ئۈمىد بار

2019.12.13 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-دېكابىر دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە مائاشلىق دەم ئېلىشقا ئالاقىدار تۈزۈم قۇرۇلۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن، جايلار كىلىمات، مۇھىت قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ قىشلىق، يازلىق تەتىل ۋاقتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق ياكى كۈزلۈك دەم ئېلىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدىكەن.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق توققۇز تارماق ئېلان قىلغان «بايرام-دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت-سەپەر مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ يىل بېشىدا خىزمەت ئېھتىياجى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇ يىللىق دەم ئېلىشنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەرزەنتلىرى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قىشلىق، يازلىق تەتىلدىكى دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئالدىن ئويلىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ دەرسلىكلىرىنى تولۇق ئېچىپ، نورمال تەلىم-تەربىيە، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، جايلار كىلىمات، مۇھىت قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ قىشلىق، يازلىق تەتىل ۋاقتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق ياكى كۈزلۈك دەم ئېلىش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئائىلىلىرىنى سەپەرگە چىقىش پەسلىدە مائاشلىق دەم ئېلىشقا يېتەكلىسە بولىدۇ.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قاراپ چىقىدىغان ئىشلارغا كىرگۈزۈپ، ئۆز ئورنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە قەرەللىك دوكلات قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، بايرام-دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت-سەپەر مۇھىتىنى ياخشىلاش، ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە قارىتا، پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇش ئالدىدىكى يول بۆلىكى قۇرۇلۇشى ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆپ يۈز بېرىدىغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش؛ ETC نىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش؛ ئاۋات مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت سەپىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بايرام- دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەنزىرە رايونى بىلەن شەھەرنىڭ تاشقى قاتناش تۈگۈنى (يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى، ئاپتوموبىل يولۇچى بېكىتى) ئارا، مەنزىرە رايونى بىلەن مەنزىرە رايونى ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى ياكى يولۇچى توشۇش لىنىيەسىنىڭ تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق ئالاقىدار شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇش ئاساسىدا، ساياھەتنى ئېچىۋېتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ، كېچىلىك ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ