مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى--

جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنىڭ بىر يىلدا 110 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار

2019.12.13 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ 12- چېسلا مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىكى ئالدىنقى 11 ئايدا، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى 100 مىليارد 320 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.1 ئاشتى. ئەگەر بۇ ئېشىش سۈرئىتى ساقلاپ قېلىنسا، بىر يىلدا ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنىڭ 110 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىشىدىن ئۈمىد بار.

  گاۋ فېڭ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق كۆلىمى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيدى، سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ «ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ۋە كەڭ ساھەلىك» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ ئېنىق بولدى.

  گاۋ فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىكى ئالدىنقى 10 ئايدا، جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 ئاشقان، رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلغان ئاپتوموبىل %66.4 ئاشقان. يېزا ئىگىلىكى، مۇلازىمەت سودىسى ۋە يۇقىرى-يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېڭى سودىنىڭ ئېشىش نۇقتىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەگە قارىتىلغان «سىرتقا چىقىرىش» ۋە ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈر ھەمكارلىقى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، جۇڭگونىڭ رۇسىيەگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئاشتى، بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل، ياسىمىچىلىق ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ساھەسىدىكى جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ رۇسىيەدە مەبلەغ سالغان تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  گاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل «جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش يىلى»نىڭ ئاخىرقى يىلى، ئىككى تەرەپ 2- نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى، 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق كۆرگەزمە سۇپىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ۋە كارخانىلارنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئېھتىياجى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلماقتا؛ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، تاموژنا ۋە سۈپەت تەكشۈرۈش قاتارلىق تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا مەبلەغ سېلىشتىكى قۇلايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى «تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش + تۈزۈم ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش»تەك قوش چاقلىق قوزغىتىش ئەندىزىسىگە ئۆزگەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ