مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقى ئۈستىدە ئامېرىكا بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈردى

− ئامېرىكا تەرەپنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2019.12.05 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چىن گاڭ 4-دېكابىر ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇلى كې يۇۋېي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ «2019-يىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»گە قاراپ چىقىپ ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدا كەسكىن سۆزلىشىپ ۋە كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  چىن گاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرقانداق چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ. ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرىقى قانۇن لايىھەسى جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قانۇن بويىچە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دەپ بۇرمىلاپ، پاكىتقا پىسەنت قىلماي، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ۋىجدانىغا خىلاپلىق قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، پۈتۈنلەي خاتا تەرەپتە تۇردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ