مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى بېسىپ تارقاتتى

2019.12.05 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «2019-يىلىدىن 2023- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان پىروگراممىسى» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «يىرىك پىلان پىروگراممىسى» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشكەن مەزگىلىدىكى يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىگە ماسلىشىپ، 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلىغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  «يىرىك پىلان پىروگراممىسى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي سادىقلىقنى كۈچەيتىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدار ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى داۋاملىق ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ