مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى موڭغۇل سىزىۋاڭ خوشۇنىدىكى بەز چۇما بىمارى بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى

2019.12.05 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12- ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۇلانچاب شەھىرى سىزىۋاڭ خوشۇنىدىكى بەز چۇماسى بىمارى بىلەن قويۇق ئۇچراشقان تۆت كىشىنى تېببىي كۆزىتىش مۇددىتى توشقان، قىزىش قاتارلىق نورمالسىزلىقلار بولمىغانلىقتىن، تېببىي كۆزىتىش پۈتۈنلەي بىكار قىلىنغان.

  نۆۋەتتە، سىزىۋاڭ خوشۇنىدىكى بەز چۇماسى بىمارى ھېلىھەم سىزىۋاڭ خوشۇنى خەلق دوختۇرخانىسىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ، ئومۇمىي ئەھۋالى مۇقىم، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ھېلىھەم سىزىۋاڭ خوشۇنىدا داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ؛ خۇادې ناھىيەسىدىكى بەز چۇماسى بىمارىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن دورا توختىتىلدى، بىمارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى مۇقىم، نۆۋەتتە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتىدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، رايون ئىچىدە يېڭى كېسەللىك بىمارى كۆرۈلمىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە چۇما يۇقۇمىنى كۆزىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ