مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭى دەۋردە ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.12.04 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر- يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «يېڭى دەۋردە ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، ئۇلار پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى مۇھىم بايلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم كۈچ. ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتى پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى يۈكلەنگەن مۇھىم ۋەزىپىدۇر.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆرمەت قىلىش، ئوبدان خەۋەر ئېلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان، بايلىق بىر تۇتاش پىلانلىنىدىغان، تۈجۈپىلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ توپلاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ