«تور ئارقىلىق سەمىمىيەت كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ئىناۋەتلىك جۇڭگو بەرپا قىلايلى» باش تېما قىلىنغان 2019-يىللىق جۇڭگو تور سەمىمىيەت يىغىنى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى شىئەندە ئېچىلدى. جۇڭگو تور ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسى ۋە ئالىبابا، تېڭشۈن، جىڭدۇڭ قاتارلىق 31 ئىنتېرنېت تور كارخانىسى ۋەكىللىرى سۇپا ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئىناۋەت قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تەڭ يولغا قويۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئىقتىسادتىن تەڭ بەھرىلىنىش قاتارلىق سۇپا ئىقتىساد ساھەسىدىكى سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.
شۇ كۈنى خەلق تورى، شىنخۇا تورى قاتارلىق 16 تور بېكىتى، سۇپىسى بىرلىكتە «توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ۋەدىنامىسى»نى ئىمزالاپ، پىتنە-ئىغۋالارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاش، توسۇش، ئۈنۈملۈك تۈزەش، پىتنە-ئىغۋالارنى بىرلىكتە تۈگىتىش، ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان تور ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشقا ۋەدە بەردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ