گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، چىڭخەي، شەنشى قاتارلىق جايلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. گۇاڭدۇڭدىكى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئورۇنلار جەمئىي 200 لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئورگان، كارخانا، مەكتەپ، مەھەللە قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ، سۆھبەت يىغىنى، پۇقرالار لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئامما بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇردى. شېنجېندىكى بىر ئالىي مەكتەپتە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى چوڭقۇر چۈشىنىشلىك قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى. لېكسىيە ئۆمىكى يەنە لېكسىيە سۆزلەش دەرسخانىسىنى يېڭى دەۋر مەدەنىيەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى، كۇتۇپخانا قاتارلىق سورۇنلارغا كۆچۈرۈپ بېرىپ، كۆپ خىل شەكىلدە 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
چۇڭچىڭ شەھەر، رايون، (ناھىيە)لەردە لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، مەھەللە، زاۋۇت، يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، پۇقرالار ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. نۆۋەتتە چۇڭچىڭ شەھىرى 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى توغرىسىدا 1800 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلىدى، بىۋاستە ئاڭلىغانلار 120 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم لېكسىيە ئۆمىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ئىدارە، كارخانا، مەھەللە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەچچە يۈز مەيدان دوكلات بەردى، 30 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ۋە ئامما لېكسىيەنى ئاڭلىدى.
شەنشى ئۆلكىسى ئۆلكە بويىچە ئىجتىمائىي پەن ساھەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن نەزەرىيە سەۋىيەسى يۇقىرى، لېكسىيە سۆزلەش تەجرىبىسى مول بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تاللاپ، 12 شەھەر، رايون، 10 نۇقتىلىق كەسىپ سىستېمىسىدا 22 مەيدان مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلىدى. شەنشى يەنە ئاممىۋى لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ، مەھەللە، مەكتەپ، زاۋۇت، كان، كارخانىلارغا بېرىپ، نەق مەيدان، ۋىدىيو، تېلېۋىزىيە سۆھبىتى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ