مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى نۇر بەكرىنىڭ پارا ئېلىش دىلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2019.12.03 09:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى نۇر بەكرىنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، جاۋابكار نۇر بەكرىگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ نۇر بەكرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئېرىشكەن زاڭ پۇل ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى قايتۇرغۇزۇپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى. نۇر بەكرى سوتنىڭ ئۆزىدە ھۆكۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، نارازىلىق ئەرزى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، 1998-يىلىدىن 2018- يىلىغىچە جاۋابكار نۇر بەكرى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقلار ياكى خىزمەت ھوقۇقى، خىزمەت ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، مەھسۇلاتنى كېڭەيتىش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى باشقىلار ئارقىلىق يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەر بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 79 مىليون 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان.

  شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار نۇر بەكرىنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، سوممىسى ناھايىتى كۆپ، قانۇن بويىچە جازالىنىشى كېرەك، دەپ قارىدى. دېلو تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، نۇر بەكرىنىڭ رېۋىزىيە ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىگە توۋا قىلىپ، ئاكتىپ ھالدا زاڭ مالنى قايتۇرغانلىقى ھەمدە دېلوغا چېتىشلىق زاڭ پۇل، زاڭ مالنىڭ كۆپ قىسمى قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى، قانۇندا بەلگىلەنگەن، ئەھۋالغا قاراپ يېنىك جازا بېرىلىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلىدۇ. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ