خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2020-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئاممىۋى پەن يېزىقچە ئىمتىھانى 24-نويابىر پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى 57 شەھەر، 927 ئىمتىھان نۇقتىسىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىندى، جەمئىي 1 مىليون 142 مىڭ ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھاندىن بۇرۇن ھەق تاپشۇرۇپ جەزملەشتۈردى، 965 مىڭ ئادەم ئەمەلىي ئىمتىھانغا قاتناشتى، پايدىلىنىش نىسبىتى %84.5 بولدى، ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ سانى بىلەن قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن 40:1 بولدى.
بۇ يىل دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى سەمىمىي ئىمتىھان بېرىش خىزمىتى سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، سىمسىز تېلېگراف باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىمتىھان بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ئىمتىھان مۇھىتى ياراتتى. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان ئىنتىزامىغا ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ، سەمىمىي پايدىلىنىپ، مەدەنىي پايدىلىنىپ، ئومۇمىي ئىمتىھان تەرتىپى ياخشى بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ