مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سرىلانكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى: «ھەربىي كۈچلۈك ئادەم» راجا پاكسا

2019.11.20 15:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سرىلانكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان گوتابايا راجاپاكسا 11-ئاينىڭ 18-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ۋەدە بەردى.

  ئۇ 10 يىل ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئايرىمىچىلىق قوراللىق كۈچ تامىل ئىلام يولۋاس ئازادلىق تەشكىلاتىنى مەغلۇپ قىلىپ، سىرى لانكا ئىچكى ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىپ، «ھەربىي كۈچلۈك ئادەم» دەپ قارالدى.

  سىرى لانكا بۇ يىل 4-ئايدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 269 ئادەم قازا قىلدى، ساياھەتچىلىك ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. راجا پاكسا سايلام رىقابىتىدە «خەۋپسىزلىك ۋىۋىسكىسى»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۈچلۈك ۋاسىتە قوللىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەردى.

  ئۇ تۇرۇشلۇق ئۆكتىچى پارتىيە، خەلق فرونتى پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى كەھرىيە لامبۇكۋېلا مۇنداق دېدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش راجاپاكسانىڭ «يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشى».

  راجاپاكسا بۇ يىل 70 ياشتا بولۇپ، ئىلگىرى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شەھەر تەرەققىياتى مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي كاتىۋى بولغان، ئۇ سابىق زۇڭتۇڭ ماخىندا راجاپاكسانىڭ ئىنىسى. ئاكىسى 2005-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئۇ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شەھەر تەرەققىياتى مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي كاتىپى بولۇپ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ يولۋاس تەشكىلاتىنى مەغلۇپ قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان، 2009-يىلى نۇرغۇن يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلاشقان.

  ئۇ يولۋاس تەشكىلاتىنى مەغلۇپ قىلغانلىق سەۋەبلىك نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ سىنگالىسلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئۆيىدىكىلىرى ئۇنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى دەپ ئاتايدۇ، ئەمما قىسمەن غەرب دۆلەتلىرى ئۇ رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرز يەتكۈزگەن دەپ ئەيىبلىگەن.

  4-ئايدىكى زەنجىرسىمان ھۇجۇم قىلىش ــ بىخەتەرلىكنى ئامما ئەڭ دىققەت قىلىدىغان بىرىنچى ئىشقا ئايلاندۇرۇپلا قالماي يەنە ئىقتىسادقىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساياھەتنىڭ كاساتلىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە سرىلانكا 15يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشكە دۇچار بولغان، سايلىغۇچىلار يېڭى زۇڭتۇڭنىڭ بۇ ھىندى ئوكيان ئارال دۆلىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنى قىيىنچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

  راجاپاكسا سايلام رىقابىتىدە كۆپەيمە قىممەت بېجى نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمال ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى، ئەمما مالىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلىش دۆلەتنىڭ 600مىليارد رۇپىيە يەنى تەخمىنەن 3مىليارد 300مىليون ئامېرىكا دوللىرى باج كىرىمىدىن زىيان تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە سرىلانكا ھازىر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ 1مىليارد 500مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرز تۈرى ياردىمىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  نۇرغۇن تاراتقۇلار خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنغان سايلام نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، سرىلانكىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ دىن ۋە ئىرق بويىچە ئايرىپ بېلەت تاشلىشى جەمئىيەتتىكى «بۆلۈنۈش»ئەھۋالىنى نامايەن قىلغان.

  راجا پاكسا ئېرىشكەن % 52.25 سايلام بېلىتى ئاساسەن سىنگالىسلارنىڭ قوللىشىدىن بولغان، ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رەقىبى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ نامزاتى ساجىت پرېماداسا تامىللار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، % 41.99 ئاۋازغا ئېرىشتى. سرىلانكىدىكى تەخمىنەن 22 مىليون نوپۇسنىڭ سىنگالېسلار تەخمىنەن 70%نى، تامىللار %15نى، مۇسۇلمانلار %10نى ئىگىلەيدۇ.

  راجا پاكسا سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن يارىشىش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. ئۇ: «مەن بارلىق سرىلانكا پۇقرالىرىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىكەنلىگىمنى ئېنىق بىلىمەن، بۇ ماڭا بېلەت تاشلاپ مېنى قوللىغانلارنىلا ئەمەس بەلكى مېنى قوللىمىغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»، دېدى. ئۇ، «مەن ئىرق ياكى دىن ئايرىماي، چوقۇم ھەربىر ئادەمگە مۇلازىمەت قىلىمەن... مەن ئادىل ئۇسۇل بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشقا ۋەدە بېرىمەن، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: سرىلانكا پات ئارىدا يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ، سرىلانكالىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى.

  راجاپاكسا بۇندىن بۇرۇن ئەگەر مەن سايلامدا غەلىبە قىلسام، ئاكام، سابىق زۇڭتۇڭ ماخىندا راجاپاكسانى زۇڭلىلىققا كۆرسىتىمەن دېگەن ئىدى. ماخىندا بۇرۇن ئىككى نۆۋەت زۇڭتۇڭ بولغان، سرىلانكا ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئۇ يەنە زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشالمايدۇ.

  ھازىرقى زۇڭتۇڭ مايتىرىپالا سىرىسېنا بۇلتۇر بىر مەزگىل ماخىندانى زۇڭلىلىققا تەيىنلىگەن، سىياسىي كىرىزىس پەيدا قىلغانلىقتىن، ئاخىرىدا سرىلانكا ئالىي سوت مەھكىمىسى ئارىلاشقاندىن كېيىن، ماخىندا ئىستېپا بېرىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان رانىل ۋىكرېماسىنھانىڭ ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

  گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرقى زۇڭلى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى بىرلىككە كەلگەن خەلق فىرونتىنىڭ رەھبىرى ۋىكرېماسىنھا رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت پارلامېنتتا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن ئۆزلۈكىدىن تارقىتىۋېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلمىسىلا، كېلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە بولىدىكەن. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭ كېلەر يىلى 2-ئايدا ئاندىن ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن.

  زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرى مانگارا ساماراۋىلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ-راجاپاكسانىڭ يېڭى مىنىستىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ