مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى 10 ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سېلىنمىسى 621 مىليارد 780 مىليون يۈەنگە يەتتى

ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئاشتى

2019.11.19 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سېلىنما ھەمكارلىقى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، دۆلىتىمىز چېگراسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار دۇنيادىكى 164 دۆلەت ۋە رايوندىكى 5365 چېگرا سىرتىدىكى كارخانىغا پۇل مۇئامىلىسىز بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىپ، جەمئىي 621 مىليارد 780 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئاشقان. 10- ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 66 مىليارد 950 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشقان.

  1-ئايدىن 10-ئايغىچە، تاشقى ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت سوممىسى 793 مىليارد 960 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن، يېڭىدىن ئىمزالانغان توختام سوممىسى 1 تىرىليون 214 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشقان؛ تاشقى ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىقى بويىچە تۈرلۈك ئەمگەك-مۇلازىمەت خادىمىدىن 393 مىڭنى ئەۋەتىپ، 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا سىرتتىكى تۈرلۈك ئەمگەك-مۇلازىمەت خادىمى 1 مىليون 12 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 19 مىڭ كىشى ئاشقان.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سېلىنما ھەمكارلىقى پائال ئالغا سىلجىتىلغان. 1- ئايدىن 10-ئايغىچە، دۆلىتىمىز كارخانىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى 56 دۆلەتكە يېڭىدىن مەبلەغ سېلىپ، 11 مىليارد 460 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سېلىنما ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %12.7ىنى ئىگىلىگەن. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن يېڭى ئىمزالىغان تاشقى ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇشى توختام سوممىسى 112 مىليارد 17 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي سوممىنىڭ %63.5ىنى ئىگىلىگەن؛ تاماملىغان تىجارەت سوممىسى 63 مىليارد 530 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئومۇمىي سوممىنىڭ %55ىنى ئىگىلىگەن.

  تاشقى سېلىنما قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىپ، غەيرىي ئەقلىي سېلىنما ئۈنۈملۈك توسۇلغان. بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، %60 تاشقى مەبلەغ ئىجارە ۋە سودا مۇلازىمەت كەسپى، ياسىمىچىلىق، توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپىگە سېلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم %32.2، %17.7، %10.8نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ياسىمىچىلىق، توپ ۋە پارچە سېتىش كەسپىنىڭ تاشقى سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %5.3 ۋە %18.5 ئاشقان. ئۆي-زېمىن كەسپى، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش كەسپىنىڭ تاشقى سېلىنمىسىغا يېڭى تۈر قوشۇلمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ