مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز مالىيەسى مۇددەتتىن بۇرۇن 113 مىليارد 600 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بەردى

2019.11.19 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-نويابىر مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتتىكى 28 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) نىڭ 2020-يىللىق مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى خامچوتىدىن جەمئىي 113 مىليارد 600 مىليون يۈەن يېقىندا مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىلگەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن 113 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ 2019- يىللىق مەركەز مالىيەسى مەخسۇس تۈر بويىچە 126 مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ %90 ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنى قوللاش سالمىقى داۋاملىق نۇقتىلىق ئاشۇرۇلۇپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»قا 14 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە مەبلەغ كونكرېت رايون، ئوبلاستلارغا تەقسىملەنگەن.

  2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئاخىرلىشىدىغان يىل، قالغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسى نامراتلار ئىچىدىكى نامراتلىق، ئۆتكەل ئىچىدىكى ئۆتكەلدۇر. مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان چىقىرىپ، جايلارنىڭ نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار ئۆلكىلەر «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ نامرات ناھىيەلەرنىڭ مالىيەدىكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى پىكرى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ناھىيەلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان مەبلەغنىڭ ئېشىش دائىرىسى شۇ تۈردىكى ئوتتۇرىچە مەبلەغنىڭ ئېشىش دائىرىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم؛ نامرات ناھىيەلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن مەبلەغ بىردەك «بۆلەكلەر بويىچە چۈشۈرۈلىدۇ»، مەبلەغ تۈرلىرىنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى پۈتۈنلەي ناھىيەگە چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ، كونكرېت تۈرلەرنى بەلگىلەپ بېرىشكە ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ۋەزىپە، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولمايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالىيە مىنىستىرلىقى جايلارنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى ۋە «مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەز مالىيەسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن مەبلەغ چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تەلەپتىن ياخشى پايدىلىنىپ، خامچوتنى ئالدىن پىلانلاپ ۋە ياخشى تۈزۈپ، 2020-يىللىق خامچوت يىلى باشلانغاندىن كېيىن، تەرتىپ بويىچە مالىيەنىڭ مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، مەبلەغنىڭ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ