مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى: «26 تۈرلۈك تەدبىر» «ھەقىقىي ئالتۇن-كۈمۈش»تەك تەدبىر

2019.11.15 15:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر» (قىسقارتىلىپ «26 تۈرلۈك تەدبىر» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى ۋە گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11- ئاينىڭ 13- كۈنى گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى،ھەمدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان «26 تۈرلۈك تەدبىر»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئالدىن بەھرىمەن بولۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە تەيۋەن كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئوخشاش تەمىناتقا ئىگە قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  ما شياۋگۇاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «26 تۈرلۈك تەدبىر»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى «31 تۈرلۈك تەدبىر» بىلەن تومۇرداش بولۇپ، ئۇ، تەيۋەن خىزمىتىدە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقنىڭ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغىمۇ خۇددى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلارغا ئوخشاشلا باراۋەر مۇئامىلە قىلغانلىقنىڭ، ھەمدە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا چوڭ قۇرۇقلۇق پۇقرالىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندەك خىزمەت قىلىپ، ئۇلارغا بەخت يارىتىشنى كۆزلىگەنلىكنىڭ جانلىق ئىپادىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ