خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان 3- پەسىللىك پۇل مۇئامىلە ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، خەلق پۇلى قەرزى 13 تىرىليون 630 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 486 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاشقان؛ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى 18 تىرىليون 740 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 تىرىليون 28 مىليارد يۈەن ئاشقان؛ 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا، كەڭ مەنىدىكى پۇل (M2) قالدۇقى 195 تىرىليون 230 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشقان.
جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بانكا سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇپ، پۇل كىرېدىتى ۋە جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى مۇۋاپىق ئېشىپ، بازار ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىم بولدى. ئاساسلىق پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتىنىڭ ھەممىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بېرىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشى ئۈمىدكە تولدى.
ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بېرىش سالمىقى ئاشتى
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە خەلق پۇلى قەرز پۇلى 13 تىرىليون 630 مىليارد يۈەن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 486 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاشقان. تارماقلارغا ئايرىپ قارىغاندا، تۇرالغۇ تارمىقىنىڭ قەرزى 5 تىرىليون 680 مىليارد يۈەن ئېشىپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز 4 تىرىليون 140 مىليارد يۈەن ئاشقان؛ پۇل مۇئامىلىدىن باشقا كارخانا ۋە ئورگان، تەشكىلاتلارنىڭ قەرزى 8 تىرىليون 220 مىليارد يۈەن ئېشىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز 4 تىرىليون 840 مىليارد يۈەن ئاشقان. 9-ئايدا، خەلق پۇلى قەرزى 1 تىرىليون 690 مىليارد يۈەن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 306 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ