مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىككى تارماق مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «يۈرۈشلۈك قەرز» ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركەزلىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىدى

2019.10.16 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ج خ مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ياشلىق باھارىنى قوغداش» − 100 شەھەر، 1000 مەكتەپ «يۈرۈشلۈك قەرز»، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركەزلىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى بىرلىكتە باشلىدى. بۇ پائالىيەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توپىنىڭ «يۈرۈشلۈك قەرز» قاتارلىق ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك تەربىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە مەركەزلىك تەشۋىق قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يۈرۈشلۈك قەرز»، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى ۋەكىللىكىدىكى يېڭىچە تور جىنايىتى تېز تەرەققىي قىلغان. بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەجرىبىسى كەمچىل بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز تور قەرز بېرىش سۇپىسى، قوشۇمچە خىزمەت قىلىپ زاكاز چۈشۈرۈش ئالدامچىلىقى، تور ئويۇنى ئالدامچىلىقى، توردا مال سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، گۆدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي، جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.

  باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك تەربىيەسى فىلىمى قويۇلدى ھەمدە «سىپىڭ ساقچى ئىشلىرى» ئەترىتى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئالدامچىلىق ھىيلىسىنى پاش قىلىدىغان يۇمۇرلۇق تىياتىر ئوينىدى. ئارتىس خۇاڭ لېي، جىلىن ئۆلكىسى سىپىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى دوڭ جېڭ، جۇڭگو خەلق داشۆسى قۇياش نۇرى جامائەت پاراۋانلىقى جەمئىيىتى قاتارلىقلار «ئوقۇغۇچىلار بىخەتەرلىك تەربىيەسى تەشۋىقات باش ئەلچىسى» بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى.

  ج خ مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ خىل شەكىلدىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى «يۈرۈشلۈك قەرز»، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باش تېما قىلىنغان مىكرو كىنو، قىسقا سىن، كارتون، ئېلان قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى تېڭشۈن بىخەتەرلىك دەرسى، قوغدىغۇچىلار پىلانى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن «‹يۈرۈشلۈك قەرز›، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تەربىيەسى قوللانمىسى» ۋە بىخەتەرلىك تەربىيەسى دەرسلىكى سىنى قاتارلىقلارمۇ پۈتۈن مەملىكەتتە ماس قەدەمدە تارقىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ