خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ 6-قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش كۈنى، شۇنداقلا 27-قېتىملىق خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى. 10- ئاينىڭ 14-كۈنى، «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش __ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش» باش تېمىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۈنىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇنبىرى بېيجىڭ يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يۈرۈشلۈك مۇنبەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىق، قىزىق نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى چۆرىدەپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسى، جانلىق ئەمەلىيىتى، ئىلغار تىپلىرى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىغا كەڭ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. يۈرۈشلۈك مۇنبەر ___ كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مۇنبىرى، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مۇنبىرى، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مۇنبىرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مۇنبىرى قاتارلىق 21 مۇنبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ