مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات ئىجادىيىتى گۈللەپ ياشناپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

ھەر بىر مىللەتنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە يازغۇچىسى بار بولدى، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق، كۆپ تۈرلۈك قوشۇن شەكىللەندى

2019.10.15 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىجادىيەت يىغىنى 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىشلىرىدا كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 122 مىڭ 211 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر 1464 نەپەر بولۇپ، %12 نى ئىگىلىگەن. 2013- يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىدىن 450 كىشى قوبۇل قىلىندى. ئېلىمىزدىكى 55 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئەزالىرى بار، ھەممىسىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرى بار. زور بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەت ياش يازغۇچىلىرى ئۆسۈپ يېتىلىپ، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق، كۆپ خىل تۈردىكى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى قوشۇنى شەكىللەنمەكتە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كەڭ تەسىر قوزغىغان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت نەپەر ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسىنىڭ ئەسىرى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتى، بىر ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسىنىڭ ئەسىرى جۇڭگو نەشرىيات ھۆكۈمەت مۇكاپاتى، ئالتە ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، 27 ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىجادىيىتى «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، ئىككى ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، تۆت ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسىنىڭ ئەسىرى «21-ئەسىر ئەدەبىيات يۇلتۇزى» مەجمۇئەسىگە تاللاندى، يەنە 10دىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسىنىڭ ئەسىرى كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئۆزگەرتىلىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلاردا قىزغىن قويۇلدى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «فېيتيەن مۇكاپاتى»، ۋېنىتسىيە كىنو بايرىمى مۇكاپاتى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىنو- تېلېۋىزىيە مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى.

  جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2013-يىلىدىن باشلاپ «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى»نى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئەسەرلەر تېمىسىدىن 578نى يۆلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئەسلىي ئىجادىيىتىدىن 80نى نەشر قىلىشقا ياردەم بەردى؛ «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى يۇلتۇزى» مەجمۇئەسىدىن 20 نى باھالاپ نەشر قىلدۇردى، يېشى 50 تىن تۆۋەن 20 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا ياش، ياش يازغۇچىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدىن تاللانما»دىن 60 پارچىنى تەھرىرلەپ نەشر قىلدى، 55 ئاز سانلىق مىللەتتىن 2218 ئاپتورنىڭ 4279 پارچە ئەسىرىنى كىرگۈزدى.

  ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات باغچىسىدا بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى. «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى كەڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، دەۋرنى مەدھىيەلەيدىغان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدا ئېلان قىلىنغان رومان، نەسىر، شېئىر، ئوبزور، ئوچېرىك، دوكلات ئەدەبىياتى قاتارلىق ئەسەرلەر 1901 پارچە (كۇبلىت) گە، بەش ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا ئېلان قىلىنغان رومان، نەسىر، شېئىر، ئوبزور، بالىلار ئەدەبىياتى، دوكلات ئەدەبىياتى، تەرجىمە ئەسىرى قاتارلىق ئەسەرلەر 2642 پارچە (كۇبلىت) گە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونى ئۆلكە دەرىجىلىك ئەدەبىي ژۇرناللارنى پائال ياخشى ئىشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ