خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ھەقىقىي، ئەتراپلىق، جانلىق تونۇشتۇرىدىغان «ئوردېن: جۇمھۇرىيەت ئۇنتۇپ قالمايدۇ» ناملىق باش تېمىلىق سۈرەتلىك كىتاب يېقىندا شىنخۇا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن تەقدىرلىدى. قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا نامايەن قىلىنغان ساداقەتمەنلىك، ۋەزىپىنى ئادا قىلىش، ئاددى-ساددىلىقنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شىنخۇا نەشىرىياتى «ئوردېن: جۇمھۇرىيەت ئۇنتۇپ قالمايدۇ» ناملىق باش تېمىلىق سۈرەتلىك كىتابنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمى «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»دا سەككىز جۇمھۇرىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكۈچىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشتەك ئۇلۇغ تۆھپىسى تونۇشتۇرۇلغان، ئىككىنچى قىسمى مۇكاپات تۈرى بويىچە «خەلق ئالىمى»، «خەلق مائارىپچىسى»، «خەلق سەنئەتكارى»، «خەلق قەھرىمانى»، «خەلق نەمۇنىچىسى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپە قوشقۇچى»، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»تىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپە قوشقۇچى»، «دىپلوماتىيە خىزمىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپە قوشقۇچى»، «مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداشتا كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپە قوشقۇچى» دېگەن توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 28 دۆلەت شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى خاتىرىلەنگەن. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى پۈتكۈل جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ