مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ 70 يىللىق شانلىق مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىم «ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ» يېقىندا كۆرسىتىلىدۇ

2019.10.14 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ھۆججەتلىك كىنو ئىستۇدىيەسى (گۇرۇھى) بىرلىشىپ ئىشلىگەن تۆت قىسىملىق ھۆججەتلىك تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى «ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ» 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىدۇ، ئۇنىۋېرسال قانالدا سائەت 22دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە تۇنجى قېتىمدا بىر قىسىم كۆرسىتىلىپ، ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن خەنزۇچە خەلقئارا قانالدا سائەت 9دا تەكرار كۆرسىتىلىدۇ.

  خەلق سىياسىي كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم - لېنىنىزم بىرلىك سەپ نەزەرىيەسى، پارتىيە نەزەرىيەسى، دېموكراتىك سىياسىي نەزەرىيەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، سىياسىي تۈزۈمدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلىدە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ