مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

15 جايدىكى تاموژنىلار ئەسلەتمە ئىمزالىدى

غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولىدا پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ترانسپورتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

2019.10.14 14:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- چېسلا، «رايون تاموژنىسى ئورتاق قوللىغان "غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى" قۇرۇلۇشىنىڭ ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» چۇڭچىڭدا ئىمزالاندى. ھەمكارلىق ئەسلەتمىسىنىڭ ئىمزالىنىشىغا قاتناشقان 15 تامۇژنا تۆۋەندىكىلەرنى، يەنى چۇڭچىڭ تامۇژنىسى، نەننىڭ تامۇژنىسى ۋە گۇيياڭ تامۇژنىسى قاتارلىق غەربىي رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 13 تامۇژنىنى ۋە جەنجياڭ ۋە خەيكۇدىن ئىبارەت دېڭىز بويىدىكى ئىككى تامۇژنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يول بويىدىكى تاموژنا تارماقلىرى سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى پائال قوللاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىۋاسىتە ئاپتوموبىل سىناق نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، 15 جايدىكى تاموژنا يەنە رايون ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كەسىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، «غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى»نىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جايلاردىكى تاموژنىلارنىڭ «غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى»نىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئېچىشىدىكى بۇ قېتىمقى پىلان بولسا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى چۇڭچىڭ تاموژنىسى بىلەن نەننىڭ تاموژنىسىنى پائال تۇتاشتۇرۇپ، «غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى» ئارقىلىق ئاسىيانىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ توشۇشنى سىناق قىلىپ، ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىشتىن ئىبارەت بۇ پىلاندىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. «غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى» قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ قېتىمقى پىلان ئارقىلىق، ئەسلىدە ساندۇقتا توڭلىتىلغان يېمەكلىكنى تاموژنىغا يۆتكەش ئۇسۇلى بىلەن، ئۇ يېمەكلىكلەر چۇڭچىڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئاندىن تاموژنىنى تازىلاش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ، ئۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ۋيېتنامدىن چۇڭچىڭغا يېتىپ بېرىشىغا سەككىز كۈنلا كېتىدۇ، ئەنئەنىۋى توشۇش ئۇسۇلىغا قارىغاندا 20 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ۋە ھەر بىر كونتېينېردىن 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە خىراجەت تېجىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيانىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمى، ھەم جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى «غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى» سوغۇق زەنجىر كەسپى ئارقىلىق ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ غەربىي قىسىم بازىرىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربىي قىسىمدىكى تېخىمۇ كۆپ رايونلارنىڭ مال ۋە تاۋارلىرىمۇ بۇ يېڭى يول ئارقىلىق تۆمۈر يول ۋە دېڭىز يولى بىرلەشمە تىرانسپورت شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا سېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ