مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام-تاشقىنلىق يىللىرى

دۆلىتىمىز دەسلەپكى قەدەمدە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى

2019.09.26 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  1964-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە تۇنجى قېتىم ۋە مۇكەممەل ھالدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  زۇڭلى جوۋ ئېنلەي «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنداق جاكارلىدى: خەلق ئىگىلىكىنى تەڭشەش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە «ئانچە ئۇزاق بولمىغان تارىخىي مەزگىل ئىچىدە، دۆلىتىمىزنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك، زامانىۋى سانائەت، زامانىۋى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە زامانىۋى پەن-تېخنىكىغا ئىگە سوتسىيالىستىك كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە يېتىشىۋېلىش ۋە ئېشىپ كېتىشتىن ئىبارەت». «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «3-بەش يىل»لىق پىلاندىن باشلاش كېرەك، «بىرىنچى قەدەمدە، مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىش؛ ئىككىنچى قەدەمدە، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن-تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزۈش كېرەك».

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوتسىيالىزم قۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانىغا ئايلاندى. كېيىنچە ئوڭۇشسىزلىق بولۇپ جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇلۇغۋار پىلان يەنىلا مىليونلىغان خەلقنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشكە، دۆلەت قۇرۇشقا مۇجەسسەملەيدىغان ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى بۇلاق بولدى. 1975-يىلى 1-ئايدا، جوۋ ئېنلەي 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» نىشانى ۋە ئىككى قەدەمدە مېڭىش تەسەۋۋۇرىنى قايتا بايان قىلدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئۈچ قەدەمدە مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ