مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا كۈچلۈك دۆلەتكە قەدەم تاشلاش (سەلتەنەتلىك 70 يىل. كۈرەشچان يېڭى دەۋر)

___ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا مۇلاھىزە (2)

2019.08.15 16:08 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرىمىز جاۋ يۇڭپىڭ، ۋاڭ خاۋ

  «يېشىل مەھسۇلاتقا ئاۋاز قوشۇپ، مول سېلېن گۈرۈچى تېرىدۇق، ھازىر بازار بىلەن ھېسابلاشماي يەر تېرىساق بولمايدۇ!» خۇش پۇراق شال ئېتىزلىقى مول ھوسۇلغا تولدى. گۇاڭشى ليۇجياڭدىكى شۇاڭيۇ گۈرۈچچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋېي يەنيەن ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشتا يېڭى يول تۇتۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش، ئىنچىكە ئوراپ قاچىلاش ئارقىلىق، بۇ يەردىكى مول سېلېن گۈرۈچىنى تاللا بازاردىكى بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ بېيىش يېڭى كەسپىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

  «قورساق تويغۇزۇش»تىن «ياخشى يېيىش»كە ئۆتۈش بىز ھەل قىلىۋاتقان قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىقتىن ئىبارەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئۈنۈملۈك تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى، يېڭى ھەرىكەت ئېنىرگىيەسى كۈچلىنىپ، دۆلىتىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتىدىن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە قەدەم قويدى.

  چوڭ ئاشلىق، چوڭ ئىشلەپچىقىرىش، چوڭ بازار، چوڭ ئوبوروتتا مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى مۇقىم بولدى، بۇلتۇر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 3 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى %6 تىن ئېشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، «تاماق قاچىسى» پۇختىلىنىپ، خەلقئارا مۇرەككەپ مۇھىت ۋە خەۋپ-خەتەر خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىق قولغا كەلتۈرۈلدى.

  ئېتىز سېخقا ئۇلىنىپ، ئەلا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى ئەلا باھاغا تۈرتكە بولدى

  تەمىنلەش ھالقىسىدا كۈچەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يېتەرسىزلىك تېز تولۇقلاندى

  «زاكاز تالونى قولۇمدا، ئاشلىق سېتىشتىن غەم قىلمايمەن!» خېبېينىڭ نەنخې ناھىيەسى سۇڭتەي كەنتىدىكى ئاشلىق زىرائىتى تېرىيدىغان ھاللىق دېھقاننىڭ ئىشەنچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. بۇ يىل يازلىق يىغىمدا، ئۇ تېرىغان 700 مو ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ ھەممىسى زاكاس قىلىندى، بۇ بۇغداينىڭ بىر جىڭى ئادەتتىكى بۇغدايدىن بىر مودىن ئارتۇق قىممەت بولدى. «بۇ بىر موچەن پۇلنى سەل چاغلىماڭ، چوڭ ھېسابات قىلغاندا، 700 مىڭ جىڭ بۇغدايدىن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.»

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ