خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياۋروپا يېمەكلىك كۆزىتىش تەشكىلاتى 12- چېسلا مۇنداق دېدى: گېرمانىيەدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەركىبىدە شېكەر بار يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە، بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ شېكەر قوبۇل قىلىش مىقدارى ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مىقدارىدىن ئېشىپ كەتتى.
باش شىتابى بېرلىنغا جايلاشقان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، گېرمانىيە ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە گېرمانىيە دىئابېت كېسىلى جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار 3 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك قوبۇل قىلغان شېكەر مىقدارىنىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيە مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10تىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى، لېكىن گېرمانىيەدە بۇ نىسبەت %16.3 بولۇپ، ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ