مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

تۇنجى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيە ئورۇنلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى لازىم

2019.08.09 15:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «تۇنجى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيە ئورۇنلىرىنىڭ ‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش› مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشىنى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى بىر قېتىملىق سىياسىي سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى سىناشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن پەرھىز تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى-سىياسىي جەھەتتە سىناققا بەرداشلىق بېرىش، ئىش قىلغاندا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك- دىيانەتلىك بولۇشتا ئۈلگە بولۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتنى سېلىشتۇرۇش»، «تۆتنى ئىزدەش» ھەققىدىكى تەلىپى بويىچە نەتىجىلەرنى رەتلەپ، مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلىش كېرەك. دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭى كەيپىيات ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ