خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلاشقان ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور ئۇرغۇتۇشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ قورساق، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يېڭىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «پىكىر»دە بەش جەھەتتىكى سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ