مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭدا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە پەرۋاسىزلىق قىلىش ۋە زىيان يەتكۈزۈشتەك 14 تۈرلۈك مەسىلە مەخسۇس تۈزىتىلدى

2019.08.09 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىدا، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ئىستىلى مەسىلىسى، مائارىپ، داۋالاش، مۇھىت ئاسراش ۋە يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسى، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە «مىكرو چىرىكلىك» مەسىلىسى، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش مەسىلىسى دېگەندەك ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە پەرۋاسىزلىق قىلىدىغان ۋە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆت جەھەتتىكى 14 تۈرلۈك مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «"ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش" باش تېما تەربىيەسى داۋامىدا مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى بويىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق تۈزەش ۋەزىپىسىنى بېكىتتى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى «ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەنپەئەت مەسىلىسىگە پەرۋاسىزلىق قىلىش، قۇرۇق ۋەدە بېرىش، بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، شۇنداقلا ئادىل ئىش بېجىرمەسلىك ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش دېگەندەك مەسىلىلەرنى تۈزەشكە باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇل بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ