مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ بىرىنچى گېئودېزىيەلىك ئۆلچەش ئەترىتى:

«زېمىننى قەدەملەپ ئۆلچەشتە چىڭ تۇرايلى» (تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش ___ باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن)

مۇخبىرىمىز ۋېي خې، ۋېن سۇۋېي، گۇڭ شىجيەن

2019.08.08 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت ئۆلچەش بىرىنچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى نەنئاۋ چوڭ كۆۋرۈكىدە نىۋېلىرلىق ئۆلچەش خىزمىتىنى ئېلىپ بارماقتا.

  ۋاڭ شياۋچياڭ فوتوسى

  پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولۇش، خالىس تۆھپە قوشۇش كوممۇنىستلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتى. پارتىيە ئىشلىرى، خەلق ئىشلىرى مىليونلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇشىغا تايىنىپ ئۈزلۈكسىز ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندا، ئاندىن ئۇنىڭدىن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كومپارتىيە ئەزالىرى باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە ئېتىقاد قىلىپ پارتىيەنى سۆيۈشى، پارتىيەگە ئېتىقاد قىلىپ پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، خەلققە رىشتە باغلاپ خەلقنى سۆيۈپ ، بىر ئۆمۈر سادىق بولۇپ تۆھپە قوشۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  بىر جۈپ پۇتى ئارقىلىق دۆلەت زېمىنىنى ئۆلچەش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تاغ-دەريالىرىنى ئۆلچەش، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 1-چوڭ گېئودېزىيەلىك ئۆلچەش ئەترىتى (دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش 1-چوڭ ئەترىتى) دېڭىز يۈزىدىن 8844.43 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىنى ئۆلچىگۈچىلەر. ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشى، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ دېڭىز ھالقىشى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش. . . قۇرۇلغان 65 يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن مۇھىم قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ سىماسى بار.

  سانسىزلىغان «بىرىنچى»لارنى يارىتىپ، كۆپ خىل بوشلۇقنى تولدۇردى. 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ ئالتە پېشقەدەم ئەزاسى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا يامىشىپ چىققان قولى بىلەن خەت يېزىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا دوكلات قىلدى. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەشتەك تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلچەش-سىزىش خىزمەتچىلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىغا سەمىمىي ئۈمىد باغلىدى.

  «كۆپچىلىك بىردىنلا غەيرەتكە كەلدى»

  «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتى چوڭ ئەترەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى يول بەلگىسى تىكلەپ بەردى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. 2015-يىلىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، بىز كەسىپ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق. دەل شۇ چاغدا، بىز باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، كۆپچىلىك بىردىنلا غەيرەتكە كەلدى»،- دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى گوپېڭ ئەسلەپ شۇنداق دېدى.

  ئۇزاقتىن بۇيان، دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش 1-چوڭ ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە قوغداش بولۇپ كەلدى، بۇ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئۇل قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىش، رامكا ئورنىتىش خىزمىتى ئىدى. 2015-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، يېڭى بىر ئەۋلاد دۆلەت ئۆلچەش-سىزىش سىستېمىسى ئۇل قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلچەش-سىزىش مۇلازىمىتى ئېھتىياجى كۈنسېرى كۆپ مەنبەلەشتى، چوڭ ئەترەتمۇ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ