مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا، تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ

2019.06.17 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئىيۇن، شەنتۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتى تۇنجى بولۇپ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى بويىچە مۇكاپاتلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 2019- يىللىقتىن 2022-يىللىققىچە بولغان تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى (تۆت يىللىق تۈزۈمدىكى كەسىپلەر ۋە كىلىنىكىلىق مېدىتسىنا، ئېغىز بوشلۇقى مېدىتسىناسى قاتارلىق بەش يىللىق تۈزۈمدىكى كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) ئوقۇش پۇلى بىلەن تەڭ سوممىلىق مەخسۇس مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن، بۇ تۆت يىللىقتىكى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇق كۇرستىكى بارلىق دەرسلەرنى ئوقۇپ تاماملىشىنى مۇكاپاتلايدىكەن ۋە قوللايدىكەن.

  شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تۈردىكى مۇكاپاتلاش پىلانىدا يىللىق ئىئانە سوممىسى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شۇ يىللىق ئوقۇش پۇلى ئومۇمىي سوممىسىغا ئاساسەن بولىدۇ ھەمدە ھەر يىلى 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ياردەم پۇلىنىڭ يۇقىرى چېكى قىلىنىدۇ.

  لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتى 2018- يىلى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۇلى تولۇق سوممىسى بويىچە مۇكاپاتلاش سىناق پىلانىنى يولغا قويۇپ، شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىدىن ئاچقان بىيومېدىتسىنا قۇرۇلۇشى كەسپىدىكى 34 تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىنى تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىدى. تېببىي قۇرۇلۇش كەسپىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئوقۇتۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي ئۈنۈمى لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ 2019-يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە بۇ پىلاننى يولغا قويۇش ئىرادىسىنى چىڭىتتى. لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتى شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇكاپات پۇلىنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئېھتىياجىغا ئىشلىتىپ، بىلىم ماھارىتىنى كېڭەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەلگۈسى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  نۆۋەتتە، لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قىلغان ئىئانىسى 10 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىدىن ئاشتى، بۇ قېتىم لى جياچېڭ فوندى جەمئىيىتى بۇ مائارىپ ياردىمى ئىجادىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەنتوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تولۇق سوممىلىق ئوقۇش پۇلى بىلەن مۇكاپاتلايدىغان تۇنجى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت بولۇشىنى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ